باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر

ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-07-26   

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

 

ئاتا-ئانا توغرىسىدىكى تېما ئۆلمەس تېمىدۇر. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ ئەجىر-مېھنىتى، جاپا-مۇشەققىتىنى بىرەر پارچە ماقالە بىلەن ئېيتىپ، يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش مەخسۇس ئىسلام دۇنياسىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەشەببۇس قىلىدىغان پەزىلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئىنساننىڭ يەر شارىغا پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان بۇ شەخسلەرنى مەدھىيەلەش، كۈيلەش، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئۈستىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر. ئاتا-ئانىنىڭ ئەجىر-مېھنىتى توغرىسىدا بەزى كىشىلەر نۇرغۇن شېئىر، ماقالە قاتارلىقلارنى يازدى ھەم يېزىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنىمىزدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنلا ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، كۆيۈنۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارنى دۇنيا ھاياتلىقىدا رازى قىلىشقا تىرىشىش بۇيرۇلىدۇ. بىز قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغىنىمىزدا ”بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق“؛ ”ئى ئىنسان ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن“ دېگەندەك ئايەتلەرنى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرىتىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ ساھابىلەرنى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى، ئۇلارنى رازى قىلىۋېلىشقا ئالدىراش لازىم ئىكەنلىكى ئىنتايىن كۆپ سۆزلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلار تەۋسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھوي دېمىگىن(يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۆشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن“(سۈرە بەنى ئىسرائىل، 23-، 24-ئايەتلەر).

ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىقى ئايەت كەرىمدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بىز ھەر ۋاقىت ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتا-ئانىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشنى ئەمر قىلغاندىن كېيىنلا ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھتىن: ”ئاللاھ تائالاغا قايسى ئەمەل سۆيۈملۈكرەك؟“ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ: دەل ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن قالسىچۇ؟ دېسەم، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دەپ جاۋاب بەردى. يەنە ئاندىن قالسىچۇ؟ دېسەم، ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش دەپ جاۋاب بەردى(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). دېمەك، نامازدىن كېيىنلا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بۇيرۇلدى، بۇ ھەتتا ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىشنىڭمۇ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى.

ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزدىكى ھەققى بەك كۆپ، بولۇپمۇ ئانىمىزنىڭ ھەققى بەك كۆپ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى(قورسىقىدا) ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر“ (سۈرە لوقمان، 14-ئايەت).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ” ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئادىمىم كىم؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئاناڭ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم: ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: ئاناڭ دېدى، ئۇ ئادەم: ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: ئاناڭ دېدى. ئۇ ئادەم: ئاندىن كېيىنچۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: ئاندىن قالسا ئاتاڭ دېدى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، رەسۇلۇللاھ تۆتىنچى قېتىمدا ئاتىسىنى تىلغا ئالدى. بۇ ھەدىس يۇقىرىقى ”ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى“ دېگەن ئايەتى كەرىمنى ئېنىق شەرھلەپ، بىزگە ئانىنىڭ ھەققىنىڭ ئاتىسىنىڭ ھەققىگە قارىغاندا كۆپرەك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەردى.

ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى توغرىسىدا ئايەت، ھەدىسلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدىغان، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان، ئۇلارغا مۇشت كۆتۈرىدىغان ناچار قىلمىشلار شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى بېقىش جەريانىدا تارتقان جاپالىرى ئاز كەلگەندەك، چوڭ بولۇپ قېلىپمۇ ئاتا-ئانىسىغا جاپا سالىدىغان، ھەتتا ئۆيگە خوجايىن بولۇۋېلىپ، ئۇلارنى چاكار ئورنىدا ئىشلىتىدىغان نومۇسسىز بىر قىسىم كىشىلەر پەيدا بولۇپ قالدى. بۇنداق كىشىلەر قىلغان گۇناھىغا تەۋبە قىلىشى لازىم.

كىتابلاردا بايان قىلىنىشىچە، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتتە بىر قانچە تۈرلۈك ھەقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇلارنىڭ تىرىكلىكىدە، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. تىرىكلىك چاغدىكى ھەقلەرنى ئالىملار تەنگە تەئەللۇق ھەق، تىلغا تەئەللۇق ھەق، دىلغا تەئەللۇق ھەق، مالغا تەئەللۇق ھەق دەپ تۆتكە بۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى يەنە بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈپ سۆزلەيدۇ:

تەنگە تەئەللۇق بولغان ھەق: 1) ئاتا-ئانىغا چىن دىلىڭدىن خىزمەت قىل؛ 2) ئاتا-ئانىغا ھەممە ۋاقىت ھۆرمەت كۆزۈڭ بىلەن قارا؛ 3) قىلما دەپ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلما؛ 4) ئۇلارنىڭ مەسلىھەتى ۋە رازىلىقىسىز ھېچبىر ئىشقا قول تىقما؛ 5) ئۇلار سەن ئولتۇرغان جايدا ھازىر بولسا، دەرھال ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈۋال؛ ئۇلار ئولتۇرغان بولسا سەن ئۆزۈڭ ئۆرە تۇر، ئۇلار ئولتۇرغان جايدا سەن ئولتۇرۇۋالما؛ 6) يولدا بىرگە كېتىۋاتقان بولساڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالما(توپىلاڭ، پاتقاق، سۇلۇق ياكى ئومۇمەن خەۋپلىك جايلارغا كەلگەندىلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالساڭ بولىدۇ)؛ 7) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوچۇق چىراي بىلەن ئولتۇر؛ 8) ئاتا-ئاناڭغا قاپىقىڭنى تۈرمە؛ 9) ئاتا-ئاناڭغا ھومىيىپ قارىما؛ 10) ئاتا-ئاناڭ چاقىرسا يۈگۈرۈپ بار.

دىلغا تەئەللۇق ھەق: 1) ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت بىلەن قارا؛ 2) ئۇلارغا ھەر دائىم قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىل؛ 3) سېنىڭ شادلىقىڭ ئۇلارنىڭ خۇرسەنلىكى بىلەن بولسۇن؛ 4) ئۇلار غەم قىلسا سەنمۇ قايغۇر ۋە ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش يولىنى ئىزدە؛ 5) ئۇلار ئوشۇقچە سۆزلىسىمۇ مالال كۆرمە؛ 6) ئۇلار تەنبىھ بەرسە خاپا بولماستىن خۇرسەن بول؛ 7) ئۇلارغا ھەر قانچە ياخشىلىق قىلساڭمۇ ۋە ھەقلىرىنى ھەر قانچە ئادا قىلساڭمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىڭ زەررىچە ئازار يەپ قېلىشىنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئار-نومۇس دەپ بىل؛ 8) ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نىيەتلىرى بولسا، شۇ نىيەتكە يېتىشلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىل؛ 9) ئۇلار قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسە، شۇنچىلىك خۇشال بول؛ 10) ئۇلار قانچىلىك دەردلىك بولسا، كۆڭۈللىرىنى ئېلىشقا شۇنچىلىك تىرىشقىن.

تىلغا تەئەللۇق ھەق: 1) ئاتا-ئاناڭغا مۇلايىم بول؛ 2) ئۇلارغا دائىم تەۋازۇدا(كەمتەر، ئەدەپلىك) بول؛ 3) ئۇلارغا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمە؛ 4) ئۇلارغا كۆپ سۆزلىمە ۋە قوپاللىق قىلما؛ 5) ئۇلارنىڭ ئېتىنى ئاتاپ چاقىرما؛ 6) ئۇلار سۆزلەۋاتقاندا گېپىنى بۆلمە؛ 7) ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى رەت قىلما؛ 8)ئۇلار سېنى ئىشقا بۇيرۇسا ياق دېمە؛ 9) ئۇلار قاتتىق ئاۋازدا گەپ قىلسىمۇ، سەن پەس ئاۋازدا سۆزلە؛ 10) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاھ-ئۇھ دەپ كەتمە.

مالغا تەئەللۇق ھەق: 1) ئۆزۈڭگە كىيىم-كېچەك ئېلىشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئاناڭغا ئېلىپ بەر؛ 2) ئۇلارغا ئۆزۈڭ يەيدىغان تائاملاردىنمۇ ئېسىلراق تائام قىلىپ بەر؛ 3) بىر داستىخاندا غىزالىنىۋاتقىنىڭدا يېمەكلىكلەرنىڭ ياخشىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قوي(ھېكايە قىلىنىشىچە، ھەننان ئىبنى ئەتىيە ئۆز ئانىسى بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يېيىشتىن قورقىدىكەن. ئۇ دائىم: ئانامنىڭ كۆزى چۈشۈپ، ئەمدى يەي دەپ تۇرغان مېۋىنى بىلمەستىن يەپ قويسام، بۇنىڭدىن ئانامنىڭ كۆڭلى رەنجىسە مەن گۇناھكار بولۇپ قالسام، ئۇ چاغدا ھالىم نېمە بولماقچىدى؟ مەن شۇنىڭدىن قورقىمەن، دەيدىكەن). 4) قانداق نەرسىنى سېتىۋېلىش ئىستەكلىرى بولسا، شۇ نەرسىنى سېتىۋېلىپ بەر. چۈنكى سەن ياش چېغىڭدا نېمىنى خالىساڭ، ئۇلار شۇ نەرسىنى سېتىۋېلىپ بەرگەن؛ 5) ئۆيلىرىنى ياخشىلا ۋە ئۇنى جاھازىلاپ بەر؛ 6) ئاتا-ئاناڭ سورىمىسىمۇ پۇل بېرىپ تۇر، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئاشكارا ئېيتالماسلىقى مۇمكىن؛ 7) تاپقان-تەرگىنىمنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن، نېمىنى خالىساڭلار شۇنى بىمالال ئېلىۋېرىڭلار، ھەممىنى ئۆزۈڭلارنىڭكىدەك كۆرۈڭلار، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئارىدىكى ئۇيىلىش ۋە تارتىنىشلارنى كۆتۈرۈۋەت؛ 8)ئەگەر ئاتا-ئاناڭدىن يىراق يەردە ئولتۇرساڭ، پات-پات مېھمانغا چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىل؛ 9) ئاتا-ئاناڭنىڭ دوستلىرىنىمۇ ھۆرمەت قىل، بۇ ئىشىڭ بىلەن سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ئۆز دوست-ئاغىنىلىرى ئالدىدا يۈز تاپىدۇ.

ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ھەقلەرگە تۆۋەندىكىلەر كىرىدۇ:

مېيىتنى تېزلىك بىلەن دەپنە قىلىش چارىلىرىنى كۆر. چۈنكى مېيىتنىڭ ئىززىتى ئۇنى تېزلىك بىلەن ئۇزىتىشتا. يەرلىكتە قويۇشتىن ئىلگىرى مېيىتنى يۇيۇپ-تاراشنى ۋە كېپەنلەشنى ئۇنتۇما. ئۆزۈڭ داد-پەرياد قىلىپ يىغلىما ۋە ئۆزگىلەرنىڭمۇ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويما. ئاتا-ئاناڭ يەرلىكىدە ياتقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇپراق بېشىغا پات-پات بېرىپ تۇر. ئەگەر ھەپتىدە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشنى ئادەت قىلساڭ، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتقان بولىسەن. باشقىلارنىڭ مەرھۇم ئاتا-ئانىلىرى توغرىسىدا يامان گەپلەرنى قىلما، ئۇلارمۇ سېنىڭ ئاتا-ئاناڭنى شۇنداق يامان سۆزلەر بىلەن يادلىمىسۇن(ھېكمەت كىتابلىرىدا ئېيتىلىشىچە، كىمكى ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلار توغرۇلۇق يامان گەپلەرنى قىلسا ئۇ مەلئۇن كىشىدۇر). بۇ ھەقتە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق بىر ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىشىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىشى ئەڭ زور گۇناھ ھېسابلىنىدۇ“ دېگەن، ”ئى رەسۇلۇللاھ، كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قانداقمۇ قارغايدۇ؟“ دېگەن كىشىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”بىر ئادەم بىراۋنىڭ ئاتىسىنى تىللايدۇ-دە، ئۇ ئادەممۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تىللايدۇ“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئاتا-ئاناڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ دوست-يارەنلىرىنى ئۆيۈڭگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئاتا-ئاناڭنىڭ خاتىرىسىنى ياد ئەتكىن. ئاتا-ئاناڭ ياخشى كۆرگەن يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، بۇرادەرلىرىنى ئېغىزلاندۇر.

مۆھتەرەم ئوقۇرمەن! يۇقىرىقى قۇرلارنى ئوقۇپ قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتىسىز؟ ھالبۇكى جەمئىيىتىمىزدە ئاتا-ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا ياخشى خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشقا، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئاتا-ئانىسىنى خارلايدىغان، رەنجىتىدىغان، ئايالىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىدىغان بىر قىسىم نائەھلى كىشىلەر بار. ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى مۇشۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ قويغىنىغا شۇنچىۋالا كۈلپەتلەرنى سالامدۇق؟ ئۇلار بىزدىن مۇشۇنى ئۈمىد قىلغانمىدى؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بىزنىڭ سەبىي ھالىتىمىزدىن تارتىپلا ھەر دائىم يۈرىكى ئەل-ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن سوقىدىغان شىر يۈرەك ئەزىمەتلەردىن بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلاتتىغۇ!

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ”بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن، بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن، بۇرنى توپىغا مىلىنىپ كەتسۇن(ھالاك بولۇپ كەتسۇن)“ دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ساھابىلەر: ”ئى رەسۇلۇللاھ! كىم ئۇ ھالاك بولىدىغان كىشى؟“ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: ”ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى قېرىلىق ھالەتكىچە ياشىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى“ دېدى. دېمەك، ئاتا-ئانىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنى رازى قىلىشقا تىرىشايلى. كېيىن پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ. بۇ چاغدا بىر تاۋاق ئىسسىق ئاشنى ئۆزىمىز پىشۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئاپىراي دەپ بارساق، ئۇلار ئاللىبۇرۇن قارا تۇپراق ئاستىدا خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان بولىدۇ. بىز ئاتا-ئانىلىرىمىزدىن رازىلىق ئالالماي، دۇئا ئالالماي قالساق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەڭ يالغۇز، ئەڭ بىچارە، ئەڭ بەختسىز كىشى بولۇپ قالىمىز.

جانابىي ئاللاھتىن ھەممىمىزگە ئىمان-ئېتىقاد، ئىنساب-دىيانەت، ئەدلى-ئادالەت، شەرم-ھايا تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنىدىغان ۋاپادار، مېھرىبان پەرزەنتلەردىن قىلسۇن! ئى ئاللاھ، بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلىش يولىدا باسقان ھەربىر قەدىمىمىزنى داغدام قىلغايسەن! ئى ئاللاھ، ئاتا-ئانىمىزنىڭ قەلبىگە مېھرىبانلىق ئۇرۇقىنى تېرىۋەتكەيسەنكى، ئۇلار بىزدىن رازى بولسۇن، خاتالىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلسۇن! ئى ئاللاھ، ئەمەللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ نەزەرىمىزدە كۆپ، سېنىڭ نەزەرىڭدە ئاز بولۇپ قېلىشىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمىز، ئامىن!

يەنە >>سۈرەتلەر