باش بەت > ئائىلە ۋە جەمئىيەت > ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر

ئائىلە قۇرۇش، بالا تەربىيىلەش توغرىسىدا

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

ياقۇپ ھەمدۇللا

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

 

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى. جەمئىيەتنى چوڭ بىنا دېسەك، ئائىلە شۇ بىنانىڭ بىر خىشى. ئائىلە نىكاھلانغاندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ. نىكاھلىنىش دېگىنىمىز: قارشى جىنسلىق ئىككى كىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرۇپ، بەختلىك ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن جەم بولۇشى دېگەنلىك. ئائىلە قۇرغاندىلا ئىشقى ھېسسىياتنى ھارامدىن ساقلاپ، بىر- بىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ بەختلىك ياشىغىلى ۋە نەسىل قالدۇرغىلى بولىدۇ.

ئادەم ئاتىدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ھەممە پەيغەمبەرلەر نىكاھلانغان. نىكاھلىنىش ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى، پەيغەمبەر سۈننىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:”نىكاھ مېنىڭ سۈننىتىم، كىمىكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس”(بۇخارى رىۋايىتى) دېگەنىدى، يەنە ”ئى ياشلار جامەسى! سىلەردىن قىلىشقا قادىر بولغانلىرىڭلار توي قىلسۇن! توي قىلىش كۆزنى ۋە جىنسىي ئەزانى ھارامدىن ساقلاپ قالىدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن! روزا تۇتۇش ئۇنىڭ ئىشقى ھەۋىسىنى پەسەيتىدۇ“ (بۇخارى رىۋايىتى) دەپ چاقىرىق قىلغانىدى. ئەقلى نورمال، بالاغەتكە يەتكەن، توي قىلىش شارائىتى بارلار توي قىلمىسا گۇناھ بولىدۇ. قىسمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ناتوغرا ئەقىدە-ئىخلاسى غالىب كېلىپ، بارلىق مەنىۋى-ماددىي مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىپ، تەركى دۇنيا بولۇپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى بانا قىلىپ توي قىلىشنى رەت قىلىشى بىدئەت ھېسابلىنىدۇ، بىدئەت ئەمەلنىڭ ھەممىسى رىيا، رىيا دېگەن گۇناھ، گۇناھ سىزنى دوزاخقا باشلايدۇ.

ئىسلام دىنى توي قىلىپ ئائىلىلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئائىلىلىك بولغاندىلا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئائىلىدە، جەمئىيەتتە ھوقۇق، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ، توي قىلىش جەمئىيەت ئۈچۈن ياخشى ئىزباسار يېتىشتۇرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بالىلارنىڭ كېلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ئاتا-ئانىلاردا. ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائىي مەكتىپى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۇستازى، تەربىيىچىسى، يېتەكچىسى، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىللىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەربىيىلەپ، زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتىپ، ۋۇجۇدىدا بارىنى بالىلارغا ئاتىغاندىلا سۈپەتلىك، ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەپ چىقالايدۇ.

بالا-ئائىلىنىڭ بەختى، زىننىتى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئامانىتى، بىزگە ئاتا قىلغان چوڭ ئىنئامى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

”ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر“ (سۈرە كەھف، 46-ئايەت).

شۇڭا، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى قەدىرلەپ، ئاسراپ، بالىنى ياخشى تەربىيىلەش بىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچىمىز، پەرزىمىز، بۇ بۇرچىمىزدىن قىيامەت كۈنى چوقۇم ھېساب بېرىمىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:”سىلەر ھەممىڭلار پادىچى، پادىچى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ پادىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئىماممۇ ئۆز جامائىتىگە نىسبەتەن پادىچىغا ئوخشايدۇ، ئۇمۇ ئۆز پادىسى بولغان جامائەتتىن سوئال قىلىنىدۇ. ئەر كىشىمۇ ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن پادىچىغا ئوخشاش، ئۇمۇ ئائىلىسىدىن ئىبارەت بولغان بىر بۆلەك پادىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ“ دېگەن ئىدى. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلىملىك، تالانتلىق، قابىلىيەتلىك، پەزىلەتلىك سانسىزلىغان ئالىم، ئىنژېنېر، سىياسىئون ، قوماندانلارغا باغلىق. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدىغان ئالىم، ئىنژېنېرلار دەسلەپتە ئائىلىلەردىن تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭا بالىلارنى جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلماسلىق، جەمئىيەتتە يەرگە قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش، زېھىن ئىشلىتىش، مەبلەغ سېلىش كېرەك.

مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ئىدى: ”خالايىق ئىچىدىكى ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈنگەنلەر ئۆز بالا-چاقىلىرىغا ئەڭ ياخشىلىق قىلغانلاردۇر“ (بەيھەقى رىۋايىتى). ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە تەھرىمنىڭ 6-ئايىتى)دە:”ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا- چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار“ دەپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ھالبۇكى، بۈگۈنكى دەۋردە بەزى ئاز ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىمان- ئېتىقادى سۇسلىشىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى ئۇنتۇپ، بۇ دۇنيالىققا بەك ھېرىس بولۇپ پۇلپەرەسلىك، ئابرۇيپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك، راھەتپەرەسلىك، ئىشقۋازلىق، قىمارۋازلىق، مەيخورلۇققا بېرىلىپ ئائىلىسىنى، خوتۇن-بالىلىرىنى، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى، پەرزلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ؛ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىشى، تەربىيىلىنىشى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ؛ پۇلنى كۆرۈپ كۆزى قىزىرىپ، ھالال-ھارام دەپ ئايرىماي ئەسەبىيلەرچە پۇلخۇمار چاكىنىلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ؛ بەزى ئاتىلار پۇل تېپىپ بېلىنى توم قىلىپ كوچا چۆرگىلەپ قىز-چوكانلارغا پوخۇرلۇق قىلىپ، سۆيۈملۈك ئايالىنى تاشلاپ، ئۇچرىغان شاللاق ئاياللار بىلەن زىناخورلۇق قىلىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر كېچە-كېچىلەردە قىمار ئويناپ، بىر يىل ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى بىر كېچىدە دوغا تىكىپ، ئۇتۇلغانچە ئويناپ قەرزگە بوغۇلۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ؛ بەزىلىرى زەھەر سېتىپ، پايدىنى كۆزلەپ باشقىلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ دوزاخ ئازابىغا تاشلاۋاتىدۇ؛ بەزىلىرى پۇلنى دەپ ۋىجدان، غۇرۇر، نومۇسىنى يوقىتىپ ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق قىلىپ قانۇنى جازاغا ئۇچراپ ئۆمۈرلۈك داغدا قېلىۋاتىدۇ؛ قىسمەن ئانىلار ئانىلىق قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىپ، پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، ئاسانراق پۇل تېپىش ئۈچۈن كوچا سەتەڭلىرىگە ئايلىنىپ ئىشرەتخانىلاردا خالىغان خوجايىنلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىپ، ئەۋرەز تۇڭىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ؛ مۇشۇنداق ۋاپاسىزلىق، نومۇسسىزلىق سەۋەبىدىن ئائىلىدە ماجىرا كۆپىيىپ، ئەر-ئاياللار ئاجرىشىپ، سەبىي بالىلىرىنى يېتىم قىلىپ، ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ، ھەتتاكى، ئىنتايىن پاجىئەلىك تراگېدىيىلەر كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.

مۇھىت-شارائىت بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئائىلە مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ھالەتتە بالىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈشىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە مائىدىنىڭ 90- ئايىتى)دە: ”ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بۇلۇڭلار“ دەپ ئەسكەرتكەنىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”زىنا قىلغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا زىنا قىلمايدۇ. ھاراق ئىچكۈچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ھاراق ئىچمەيدۇ. ئوغرىلىق قىلغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ئوغرىلىق قىلمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى بۇلىغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ ماللىرىنى بۇلىمايدۇ“ دېگەنىدى.

دېمەك، بۇ ئايەت-ھەدىسلەردە، ھاراق ئىچكەن، قىمار ئوينىغان، پال سالغانلار بۇتپەرەسلەر بىلەن قاتار قويۇلۇپ، ئۇ ئىشلار شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىق دېيىلىش ئارقىلىق، بۇ ئىشلارنىڭ سۈپىتى، شۇ ئىشنى قىلغۇچىلارنىڭ خاراكتېرى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن، ھەمدە زىناخور، قىمارۋاز، ھاراقكەش، ئوغرى، بۇلاڭچىلارنىڭ كامىل مۆئمىن ئەمەسلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قېرىنداشلار! پۇل تېپىش، پۇل ساناشنىلا ئويلىماي قىيامەتنىمۇ، قىيامەتتىكى سوئال-سوراق، جازا-مۇكاپاتنىمۇ ئويلاپ قويايلى. بۇ دۇنيا پانىيدۇر، پانىي – يوقىلىدۇ، تۈگەيدۇ. ئاخىرەت باقىيدۇر، باقىيدا ئۆلۈش يوق. باقىي دوزاخ ئازابىدىن ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، ئامىن!

ئېلىمىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلغاندىن بۇيان تەرەققىياتىمىز تېز بولدى. بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان ئەۋزەل شارائىتتا بىر قىسىم ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك، ئەقىللىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىلىم –ئىقتىدارىغا تايىنىپ ھالال كەسىپ قىلىپ، كۆپ پۇل تېپىپ، تېز باي بولدى. تاپقان پۇل-ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ خەيرى-ئېھسان قىلىپ، ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلدى. غۇلجىدىكى نۇرتاي ھاجىمدەك ئۆز پۇلىدىن يېتىملار مەكتىپى ئېچىپ يۈزلىگەن ئوقۇشسىز قالغان يېتىملارنى ئاتا-ئانا مېھرى، مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەنلەر كۆپىيىۋاتىدۇ. ئاللاھ ئېيتقاندەك:

”ماللىرىنى كېچە-كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير-ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا(ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ“ (سۈرە بەقەرە، 274- ئايەت).

بەزى ئائىلىلەر ھۇرۇنلۇق، قاشاڭلىق قىلىپ ئەمگەكتىن، جاپادىن قېچىپ، تەييارنى كۆرسە جىقراق يەپ كېكىرىپ، يوق بولۇپ قالسا قىسىلىپ كۈن ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھ رىزىق تېپىپ يېيىش ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن تېرىلغۇ يېرىگە تەر تۆكۈپ ئىشلىمەيدۇ ياكى ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن سودا سېتىق كەسىپىنى قىلمايدۇ. يوقسۇزلۇقنى باھانە قىلىپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىنى مەكتەپتىن توختىتىۋالىدۇ. ئۆزى ھەرىكەت قىلماي بالىلىرىنى پۇل تېپىشقا مەجبۇرلايدۇ ياكى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا سالىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار كىرىمى ياخشى بولسىمۇ يەنىمۇ جىقراق پۇل تېپىش ئۈچۈن بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتماي، تىجارەت قىلىشقا زورلايدۇ. نەتىجىدە مەكتەپ تەربىيىسىدىن، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغان سەبىيلەرنىڭ بەزىلىرى دىلى يارا، قولى قارا ئەمگەكچى، بەزىلىرى دىلى قارا ئالدامچى، ساختىپەز، يانچۇقچى، ئوغرى، بۇلاڭچىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى سەبىي قىزلار بالا باققۇچى، بەزىلىرى تېنىنى سېتىپ پۇل تاپقۇچى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى ياشلىرىمىز غەرب مەدەنىيىتى-جىنسىي ئەركىنلىكىنى مودا بىلىپ، ھېسسىياتىنى يالىڭاچلاپ، كېچىلەردە تانسىخانا، مەيخانا، ئىشرەتخانىلاردا، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، ھارامدىن تويۇنۇپ، ئۆتكەن كۈنىگە خۇش بولۇپ ئائىلىلىك بولماي(توي قىلماي) يۈرۈۋاتىدۇ. بەزىلىرى زەھەر چېكىپ تىرىك ئەرۋاھ بولۇپ ھالىدىن كېتىپ يارىماس لەقۋالارغا ئايلىنىۋاتىدۇ. بەزى چىرايلىق، نازاكەتلىك قىزلىرىمىز نازۇ-كەرەشمىسىنى بازارغا سېلىپ، شەھۋەتخورلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ، تاپ قۇشلىرىدەك ھارامدىن تويۇپ، ئەۋرەزدە بۇلغىنىپ يۈرۈۋاتىدۇ. بەزىلىرى ئۇچرىغان يەردە جۈپلىشىپ، ئەۋرەزدىن تامغان ھامىلىلەرنى دورا يەپ ئۇجۇقتۇرۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا قىرغۇزۇپ قاتىلغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بەزىلىرى توخۇدەك تۇغقان يەردە تاشلىۋېتىپ ھېچنېمە بىلەن كارى يوق گۇناھقا پېتىپ يۈرۈۋاتىدۇ. تاشلىۋېتىلگەن بوۋاق، تاشلىۋېتىلگەن يېتىم بالىلار كۆپىيىۋاتىدۇ. بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن نەتىجىسى لاياقەتلىك بولماي، يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئۆتەلمىسە، ئىشلەش يا كەسىپ قىلىشنىڭ ئورنىغا تۇيۇق يولغا كىرىپ كوچىغا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئىشتىن بوشىتىلغان ياشلارمۇ بىرەر كەسىپكە ئورۇنلىشالمىسا قايمۇقۇپ ناتوغرا يوللارغا مېڭىۋاتىدۇ.

بۇ خىل بىنورمال ئەھۋال ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى، يۇرت-مەھەللىنىڭ ئامانلىقى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى بۇزۇپ بالايىئاپەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئويلىسىڭىز يۈرىكىڭىز ئېچىشىدۇ، كۆرسىڭىز ئىچىڭىز ئېچىشىدۇ. مۇنداق يىرگىنىچلىك، ھالاكەتلىك گۇناھلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش توغرا ئەمەس. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دىكى (سۈرە ئال ئىمراننىڭ 104- ئايىتى)دە: ”سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر“ دېگەنىدى. بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلار، ئۇرۇق-تۇغقان، قۇلۇم-قوشنىلارمۇ بالىلىرىمىزغا، دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى تەربىيە قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۆپرەك سۆزلەپ ئۇلارنى قايىل قىلساق ئاللاھ بىزگە ساۋاب ئاتا قىلىدۇ. ناشايان ئىشلارنى كۆرگەندە قول بىلەن توسۇپ، تىل بىلەن چەكلەپ، دىل بىلەن غەزەپ قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ كەلىمىلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك:

”ئۇنداق ئەمەس(سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ“ (سۈرە بەقەرە، 81-ئايەت).

”كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر“ (سۈرە بەنى ئىسرائىل، 15-ئايەت).

”ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ“ (سۈرە بەقەرە، 222-ئايەت).

بالىلىرىمىزنىڭ تەقدىر-ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئويلىساق، ئۈمىد مائارىپتا. مائارىپ دېگىنىمىزگە، ئىنسان بالىسىنىڭ بىلىمى، ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان، ئاڭ-پىكىر، ئەخلاق-پەزىلىتى، مىجەز-خاراكتېرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارغا ئائىلىدە، مەكتەپتە، جەمئىيەتتە نىشانلىق، پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا بىلىم بېرىش، ماھارەت، ئىقتىدار، ھۈنەر ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ئۇلارنى تېنى ساغلام، ئىدىيە، ئەخلاقى گۈزەل قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:

1. بالىلارغا غايە تەربىيىسى بېرىش كېرەك. غايە – ئىنسانلارنىڭ ھايات ياشاشتىكى مەقسەت نىشانى. بالا ئەقلى يېتىلىپ، يېشى توشۇپ مەكتەپ بوسۇغىسىدىن كىرىشتە مەن كىم بولىمەن؟ قانداق ياشايمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلايدۇ. بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى مەقسىتىگە پۈكىدۇ. مانا بۇ غايە. ئادەم غايىدىن ئىبارەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ھايات مەنزىلىنى نىشانلاپ توختاۋسىز ئىلگىرىلەيدۇ. غايىلىك، ئىرادىلىك ئادەم ئىزچىل تىرىشسا مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە چوقۇم يېتەلەيدۇ.

2. بالىلارنى ئوقۇتۇش كېرەك. ئاللاھ تائالا بىز ئىنسانلارغا نۇرلۇق كىتابنى نازىل قىلغاندا تۇنجى نازىل بولغان «ئەلەق» سۈرىسىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتىدە ”ئوقۇ“، ”قەلەم بىلەن ياز“، ”بىلمىگەننى ئۆگەن“دېگەن ئۈچ مۇقەددەس كالامدىن باشلىغان، ئوقۇش، يېزىش، ئۆگىنىش — بىلىم ئېلىشنىڭ ئۈچ ئەڭگۈشتىرى. كۆپ ئوقۇپ، كۆپ يېزىپ، كۆپ ئۆگەنگەندىلا بىلىم شەربىتى دىلىمىزغا سىڭىدۇ. جىسمىمىزغا كۈچ، كاللىمىزغا ئەقىل تولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:”كىمىكى ئىلىم ئىزدەش يولىغا كىرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ”، ”ئىلىم ئالغان ئادەم چوڭ نېسىۋە ئالغان بولىدۇ”دېگەنىدى. بالىلىرىمىزنى ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ”ئوقۇ”دەيلى، قولىغا قەنتلا ئەمەس، يەنە قەلەم تۇتقۇزۇپ ”ياز“، ”ئۆگەن“دەيلى. ئوقۇش، يېزىش، ئۆگىنىشنى ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ۋەزىپە قىلايلى. بۇ بىز ئاتا-ئانىلاردىكى مەجبۇرىيەت، ئاللاھ ئەمر قىلغان پەرز، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى.

3. بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇشقا مەبلەغ سالايلى. بالىلىرىمىزغا ئۈچ يېشىدىن باشلاپ ئوقۇش، يېزىش، ئۆگىنىشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. مەيلى يەسلىدە، باغچىدا، مەكتەپتە ياكى ئائىلىدە ئوقۇسۇن، ئۇلارغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەيلى. بەزى قېرىنداشلىرىمىز بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىدۇ، لېكىن نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقى، قانداق ئۆگىنىۋاتقانلىقى، قانچىلىك ئۆگەنگەنلىكى بىلەن كارى بولمايدۇ، كۆرمەيدۇ، سورىمايدۇ، ھەيدەكچىلىك قىلمايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزى كۈنىگە بىر قاپ تاماكا(ئەڭ ئەرزىنى ئىككى سوم) چېكىدۇ، ئۇن نەچچە سومغا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇشقا پۇلى كەم ئەمەس. ئەمما بالىسى ئايدا دەپتەر ئالىمەن دېسە ئىككى سوم بەرمەيدۇ. «تارىم غۇنچىلىرى»غا مۇشتەرى بولاي دېسە، پۇل يوق، دەپ ھۈرپىيىدۇ. نەچچە مىڭ، نەچچە تۈمەن خىراجەت قىلىپ، ”بۆشۈك توي“، ”تۇغۇلغان كۈن“، ”نەزىر“، ”خەتنە توي“ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن كومپيۇتېر ئېلىشقا زادى قوشۇلمايدۇ. بەزى ئانىلار بىر كۆڭلەك، بىر پەلتوغا نەچچە يۈز سوم، نەچچە مىڭ سومنى ئايىماي خەجلەيدۇ. بالىسى بىرەر كۇرستا ئوقۇيمەن، چەتئەل تىلى، كومپيۇتېر ئۆگىنىمەن، دېسە پۇلى يوق. پەرۋىشسىز مايسا، تاشلىۋېتىلگەن كۆچەت مېۋە بەرمەيدۇ. بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا كۆپرەك مەبلەغ سالغاندىلا ئۇلار كۆپرەك بىلىم ئالالايدۇ. ئەقىل كۈچىكە سالغان مەبلەغ ھەسسىلەپ ئۆزىڭىزگە يانىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:”ئىلىم بىر خەزىنىدۇر“ (ئەبۇ نەئىم رىۋايىتى)، ”كىمىكى ئىلىم ئۆگىنىش، ئادەم تەربىيىلەش يولىدا بىر ياماق خەجلىسە، ئاللاھ جەننەتتە بىر ساراي تەييارلايدۇ“ دېگەن. مائارىپقا، بىلىم ئېلىشقا مەبلەغ سېلىش ئەڭ كاتتا سەدىقە ھېسابلىنىدۇ. سەدىقىنىڭ بەرىكىتىنى ئاللاھ بېرىدۇ.

4. ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش كېرەك. ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشتىكى مەقسەت ئۆگەنگەن بىلىمنى تەھلىل قىلىپ، چۈشىنىپ، دىلغا مەھكەم ئورنىتىش ھەم شۇ ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش. ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىنى ياراتقاندا ئاۋۋال ئەقىل ئاتا قىلغان. ئىنسان ئەقىل ئىشلىتىشنى بىلگىنى ئۈچۈن ھەممە مەخلۇقتىن ئۇلۇغ. ئۆگەنگەننى چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەقىلنى تولۇقلىغىلى، كامالەتكە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ئىنسان ئەقىل بىلەن قىلغان ئىشىدىن چوقۇم نەتىجە قازىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بالىلىرىمىز كىچىكىدىنلا كۆپرەك كۆزىتىشى، كۆرۈشى، كۆپرەك ئوقۇپ، كۆپرەك ئويلىنىشى كېرەك. كىچىك چېغىدا يېتىلەپ يۈرۈپ شەيئىلەرنى كۆرسىتىپ تونۇتۇش، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، سوئال سورىسا ئېرىنمەي جاۋاب بېرىش، رەسىملىك كىتاب، زېھىن سىنايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ئوينىتىش، ئاخشاملىرى چۆچەك، قوشاق، تېپىشماقلارنى ئېيتىپ بېرىش، يەسلىدىن، مەكتەپتىن كەلگەندە چامىسى يەتكۈدەك ئىشلارغا سېلىش، تاپشۇرۇقىنى مۇستەقىل ئىشلەتكۈزۈش، دەرستىن، كىتابلاردىن سوئال سوراپ بېقىش، ئەقىل سىناش ئېلىپ بېرىش كېرەك. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كۇرۇژۇكلارغا قاتناشتۇرۇش، مۇستەقىل ئويلاپ، مۇستەقىل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش، ئىجادچانلىق روھىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئائىلىدە ياخشى-ياماننى، پايدا-زىياننى، ھالال-ھارامنى تونۇتۇپ ياخشىلارنى ئۈلگە قىلىش، يامانلاردىن ئىبرەت ئېلىش، پايدىلىق ئىش بولسا كىچىك كۆرمەي قىلىش، زىيانلىق ئىشنى كىچىك بولسىمۇ قىلماسلىققا تەربىيىلەش كېرەك. ئەقىل توغرىسىدا «قۇرئان كەرىم»دە 49 ئايەت كەرىم بار. ئىسلام دىنى ئەقىلگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. بىزمۇ بالىلىرىمىزنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك.

5. بالىلارنى ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق تەربىيىلەش كېرەك. رەسۇلۇللاھ گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل پەزىلەتتە بىزنىڭ ئەڭ كاتتا ئۈلگىمىز.

”سىلەرگە-ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە-رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر“ (سۈرە ئەھزاب، 21- ئايەت).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:”قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى قىرائەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر“ دېگەنىدى. مۇقەددەس دەستۇرىمىز «قۇرئان كەرىم» ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە ياخشىلىقنى قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان ھەممە يامان ئىشنى چەكلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”مەن گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم“ دېگەنىدى. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلارمۇ ھەر دائىم بالىلارغا ئەخلاقىي تەربىيىنى مەركەز قىلىپ تۇتۇشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا بىزنى: ”(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر“ (سۈرە ئال ئىمران، 110-ئايەت) دەپ سۈپەتلىگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: ”ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىغا ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىشتىن ئوبدانراق نەرسە، يەنى ئوزۇق بېرەلمەيدۇ“ (تىرمىزى رىۋايىتى) دېگەن. دېمەك، بالىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق تەربىيىلەش، ئۇلارغا ياخشى ئىش، ياخشى خۇلقنى ئۆگىتىش، ئۇلارنى خاتا ئىش، گۇناھتىن توسۇش — ئاللاھنىڭ ئەمرى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى، بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. ئىنسان ئېسىل پەزىلىتى، ياخشى ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن گۈزەل. ياخشى تەربىيە كۆرگەن بالىلارنىڭ دىلى گۈزەل، تىلى گۈزەل، ھەرىكىتى گۈزەل بولىدۇ. دىلى، تىلى، قولى گۈزەل بولغاندا ھەممە يەردە گۈزەل مۇھىت يارىتالايدۇ. بالىلار ئەخلاقلىق بولسا كۆڭۈللەر خاتىرجەم بولىدۇ. ئۈمىد – ئىشەنچىمىز ئارتىدۇ. ياخشى تەربىيە كۆرگەن بالىلار ياخشىلاردىن ئۈلگە، يامانلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ. ساپ ئالتۇن ئەخلەتكە كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ دات باسمىغاندەك، ئۇلار ھەر قانچە بۇزۇقلارنىڭ ئىچىدە تۇرسىمۇ ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ. بۇنداق گۈزەل ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچىلار ئىلىمنىمۇ تىرىشىپ ئىگىلەپ تېز ئالغا باسىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ”ئەخلاق- دەرەخ، ئىلىم- مېۋە، دەرەخ بولمىسا، نەدىمۇ مېۋە بولسۇن“ دەپ ئىلىم بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبرازلىق ھالدا ئىنتايىن توغرا شەرھلەپ بەرگەن. ھازىر بالىلارنىڭ ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلۇشى ئېغىر بولۇپ، بۇ مەسىلە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بېشى قېتىۋاتقان قىزىق نۇقتا. نوتا ئاجىز بولسا كۈچ بەرسەك، سولاشسا سۇغارساق، قىيسايسا يۆلەپ قويساق، ئارتۇقچە شاخ-پۇتاق چىقارسا چاتاپ تۇرساق، مەزمۇت، تۈز، چىرايلىق ئۆسىدۇ. بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن ئائىلىدە گۈزەل مۇھىت يارىتىپ بەرسەك، ياخشى ئىشنى تەرىپلىسەك، يامان ئىشنى سەتلىسەك، بالىلىرىمىز ياخشى ئىش قىلسا قوللىساق، يامان ئىش قىلسا تەربىيە بەرسەك، ھەمىشە بالىلارنى كۆزىتىپ يامان خۇلقنى تۈزىتىشكە ياردەم قىلىپ ھەم قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياخشىلىققا ئىلھام بېرىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەربىيە بەرسەك، ئۆز بالىمىزغۇ، تەربىيىلەپ كېتەلەيمىز.

بالىلىرىمىز بار يەردە ھەرگىز تىل-ھاقارەت، ئۇرۇش-تالاش قىلماسلىق، تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچمەسلىك، ئۇرۇشۇپ جېدەللەشمەسلىك كېرەك. بالىلارغا قوپاللىق قىلماسلىق، يالغان سۆزلىمەسلىك كېرەك. سۆزلەشنىڭ ئەدەپلىرى، ئۆي ئىچىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەپلىرى، تائام يېيىش ئەدەپلىرى، كىيىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش ئەدەپلىرى، كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئەدەپلىرى، مېڭىش-تۇرۇش، بەدەن ھەرىكىتىنىڭ ئەدەپلىرى...مىللىتىمىزنىڭ ھەممە ياخشى ئۆرپ-ئادەت، ئەدەپ-ئەخلاقلىرىدىن ئىزچىل، ئەستايىدىل تەربىيىلىشىمىز كېرەك.

بىر ئائىلە، بىر مىللەتنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىدىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى بىلگىلى بولىدۇ، بالىلىرىمىزنى يۇقىرى سەۋىيىلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق تەربىيىلىسەك ئۆزىمىزگىمۇ، ئائىلىگىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ، ئىنسانىيەتكىمۇ پايدىسى تېگىدۇ. دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتنىڭ روناق تېپىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىنسانلارنىڭ بىلىمىدىن، تېخنىكىسىدىن، پەزىلىتىدىن بولىدۇ. بالىلارنى ياخشى تەربىيىلىسەك دۆلەتكە خىزمەت قىلغانلىق، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ.

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كۆزنىكى، بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە مۇھىتى، بالىلارنى تەربىيىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرسەك شۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ يېتىشىپ چىققان ئالىملىرىنى تەكشۈرسەك، شۇ مىللەتنىڭ ساپاسىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار تەربىيىلىگۈچى، ئۆگەتكۈچى، يېتەكلىگۈچى، جەمئىيەتنىڭ مۇنبەت دالاسىغا ئېسىل، سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى چاچقۇچى. ئائىلە بىر پارنىك، سورتلۇق، ئۈنۈمى يۇقىرى مايسىلاردىن ئەلۋەتتە مول ئۈنۈم ئالغىلى بولىدۇ. ”ھوسۇل بېرىدىغان زىرائەت مايسىسىدىن ئايان“ ئەمەسمۇ؟! ”ئۇستازى قانداق بولسا، شاگىرتى شۇنداق بولىدۇ“ . شۇڭلاشقا، بالىلارغا ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا تەربىيىسىنىڭ يېتەكچىلىك، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى شەكسىز.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادىتى، ۋەتەننىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئائىلىدە بالىلارغا بولغان تەلىم-تەربىيىنى بوشاتماستىن چىڭ تۇتايلى. بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، دەۋرنىڭ ساداسى، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز، مەسئۇلىيىتىمىز، قەرزىمىز. ئۈمىد بالىلاردا، بالىلار كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى. ھازىر بىز 21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز.

21-ئەسىر كۈچلۈكلەرنى، ئىلىم-پەندە يۈكسەلگەنلەرنى تاللايدۇ. ئاجىزلارنى، بىلىمسىز، مەدەنىيەتسىز، قابىلىيەتسىزلەرنى شاللايدۇ. ھازىر بىر قەۋم، بىر ئائىلە، بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى بىلىم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىز چوقۇم بالىلىرىمىزنى ياخشى ئوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە يار-يۆلەك بولساق، بالىلىرىمىز ئۆگەنگەن بىلىمىدىن خەلققە ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان بىرەر ئۈنۈم ياراتسا، بالىلىرىمىز كۈلىدۇ، بەختتىن كۈلىدۇ؛ بىزمۇ كۈلىمىز ، پەخىرلىنىپ كۈلىمىز؛ خەلقىمىز كۈلىدۇ، نەپ ئېلىپ كۈلىدۇ. جىقراق كۈلەيلى، كۈلكە بىزگە يار بولسۇن. پۈتۈن ئائىلىمىزگە ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەت يار بولسۇن! (ئامىن)

«ھىدايەت گۈلزارى» 1-توم

يەنە >>سۈرەتلەر