باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ما شىڭرۇي جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى
جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-02-27   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ياڭ فامىڭ قاتارلىقلارنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەت، دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاق مەزگىل نەپ يەتكۈزىدىغان خىزمەتلەرگە سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈش، سۆزلەش، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە دىن شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، دىن ئىلمى تەتقىقاتى، دىنىي خادىملار ۋە دىن خىزمىتى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېتەكچىلىك، ياردەم قىلىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى دىن ئىشلىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، دىنىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى پائال قوللاپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇپ، دىنلارنىڭ رايىشلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىللىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر