باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-01-12   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنچىللىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا تىنچ، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. بولۇپمۇ، بىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قوغداپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دىنلارنىڭ رايىشلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىللىقىنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. جۇڭگو شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان پاكىت ھەممىگە ئايان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئەمما، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ھەقىقىي ئەھۋالغا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ توغرىسىدا يالغان-ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلىدى. ئەمەلىيەت ئەڭ ياخشى رەددىيە بەرگۈچى. بىز كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىغا، شىنجاڭغا قارىتىلغان يامان غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىش ۋە پىتنە-ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلاشنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ھەقىقىي كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ تونۇشى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى چۈشىنىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دائىم شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، دۇنيا مۇسۇلمانلار مەھەللىسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى رەشىد نۇرئەمىر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، پۈتۈن گەۋدە بويىچە نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكى دوستانە ئالاقە ئەنئەنىسىگە ئىگە، جۇڭگو بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئوبيېكتىپ، ئادىل سادا چىقىرىپ، جۇڭگو ئوبرازىنىڭ خەلقئارا تارقىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز؛ دىنىي ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىمىز.

سەئۇدى ئەرەبىستانى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ئابدۇللا سالىھ ئۇبەيد مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان رايون بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. جۇڭگونىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەت - دىن مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مىسىر زۇڭتۇڭىنىڭ دىن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئوساما ئەل سايېد مۇھەممەد سائاد مۇنداق دېدى: ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ چۈشەنگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن. مىسىر جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم ئىدىيەسىگە ئورتاق زەربە بېرىشنى، مەدەنىيلىك، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سېربىيەلىك مۇفتى دۇدىچ موللۇد مۇنداق دېدى: جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كېلىپ، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، مۇقىم گۈزەل شىنجاڭنى كۆردۈم. جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئەزەلدىن ناھايىتى ياخشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، لى شۆجۈن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، سۇرىيە، بەھرەيىن، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، تۇنىس، جەنۇبىي سۇدان، ماۋرىتانىيە، ھىندونېزىيە، كۇۋەيت، ئىيوردانىيە، ئومان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىنىي زاتلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر