باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

«دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى» شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-01-10   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، «دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى»دىكى 30 نەچچە كىشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا مەھكىمىسىدىكى باش ئەلچى لى ليەنخېنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى.

ئېكسكۇرسىيەگە، زىيارەتكە كەلگەن ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، سۇرىيە، بەھرەيىن، بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا، تۇنىس، سېربىيە، جەنۇبىي سۇدان، ماۋرىتانىيە، ھىندونېزىيە، كۇۋەيت، ئىيوردانىيە، ئوماندىن ئىبارەت 14 دۆلەتتىن كەلگەن.

1 -ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىگە بېرىپ «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئەمەلىي بۇيۇم، ئايرىم دېلولار كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە دائىر ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بولغان مىللەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى. 12 مۇقام نومۇرلىرىنى كۆرگەندە ئەزالار زور قىزىقىشىنى ئىپادىلەپ، بەس-بەستە يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ گۈزەل مېلودىيە ۋە نەپىس ئۇسسۇللارنى خاتىرىلىۋالدى. كۆپچىلىك شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا تۈرلۈك قۇرۇق مېۋە، ئەتلەس قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى ياقتۇرغىنىدىن قولىدىن چۈشۈرمىدى. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى نەق مەيداندىكى ئامما بىلەن قىزغىن، دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمتۈرتكە بولدى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. 

شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن خاسلىققا ئىگە مەدەنىيىتى ماۋرىتانىيەدىن كەلگەن يازغۇچى، ئالىم بەھرا ئابداللاخ سەيىدتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر پارلاق مەدەنىيەتنى ئورتاق يارىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەقسىتىگە تامامەن ئۇيغۇن.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ياڭخاڭ مەسچىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، دىنىي زاتلار كۈندىلىك ناماز ئوقۇش ھەمدە مەسچىت شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە كۇرسانتلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇدى، كۆپچىلىك جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئالقىشلىدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، دۇنيا مۇسۇلمانلار مەھەللىسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى رەشىد نۇرئەمىر مۇنداق بىلدۈردى: بىز شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى، ئالاقىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر