باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-10-21   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
ياڭ شياۋدۇ، ئەركىن ئىمىرباقى سۆز قىلدى
ما شىڭرۇي، لى يىفېي قاتارلىقلار سۆز قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ مۇزاكىرىگە قاتناشتى
  

2022-10-17   01●مۇھىم خەۋەرلەر   شىنجاڭ گېزىتى  

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى، ئۆگەندى.

ۋەكىل ياڭ شياۋدۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتنى تامامەن قوللايمەن، قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەنگەن، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مول ھەم چوڭقۇر، بايراق كۆتۈرۈلۈپ يۆنىلىش بەلگىلەنگەن، ھەقىقەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىنغان، تۇتقا تۇتۇلۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلغان، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىلغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى سىستېمىلىق تۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان، دەۋرلەشتۈرۈلگەن ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى. بىز قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، دوكلاتنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمىزگە، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پۇختا ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۈشىنىشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، «ئىككى ئومۇميۈزلۈك»نى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى مېغىزلىق، چوڭقۇر، پۇختا، ئەستايىدىل تەييارلانغان بولۇپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت «ئىككىنى تىكلەش»نى مۇنبەت تۇپراق ۋە مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش» قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى بولغاچقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىدا چوقۇم پۇختا ماڭالايمىز، ياخشى ماڭالايمىز، ئۇزاققىچە ماڭالايمىز. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى، مۇھىم تەلەپلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بايراق كۆتۈرۈلگەن، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلگەن، ئىشەنچ كۈچەيتىلگەن ياخشى دوكلات بولۇپتۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ۋەكىل لى يىفېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن مۇھىم دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىلغان، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىنغان، كەلگۈسى يارىتىلغان بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، نىشان - يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بولۇپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا بارلىققا كەلگەن ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى بۇرچنى تاماملاشتا، بىز «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىمىز.

ۋەكىل ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، ھەقىقەت نۇرى چاقنىتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈپ تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ، شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھەم شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شىنجاڭدا ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلغان 10 يىل بولدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر