باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-10-21   مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، جەزمەن مۇھىم، زور پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش

لى كېچياڭ قۇرۇلتايغا رىياسەتچىلىك قىلدى 2340 ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل قۇرۇلتايغا قاتناشتى

10- ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

 10- ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ رەئىس سەھنىسىدە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى  قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈللىنىش يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تارىخىي يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىش. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش.

خەلق سارىيى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى، 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا كەيپىيات قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورغاق بىلەن بولقىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە گېربى ئېسىلغان بولۇپ، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2 - ۋە 3 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا ئايرىم - ئايرىم «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!» «ياشىسۇن ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى!» دېگەن پىلاكاتلار ئېسىلغانىدى.

قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، خۇ جىنتاۋ، لى رۇيخۇەن، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى، يوۋ چۈەن، جاڭ چىڭلى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

قۇرۇلتايغا لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا قۇرۇلتاي باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. ئارقىدىن، بارلىق يولداشلار ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق ۋاپات بولغان پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

لى كېچياڭ مۇنداق جاكارلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2296 كىشى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 83 كىشى، جەمئىي 2379 كىشى، بۈگۈن ئەمەلىي قاتناشقىنى 2340 كىشى. ئۇ قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى دوستلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتى جەمئىي 15 قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش؛ ئىككىنچى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش؛ ئۈچىنچى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسى؛ تۆتىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش؛ بەشىنچى، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئالتىنچى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ يەتتىنچى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ سەككىزىنچى، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىش؛ توققۇزىنچى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئونىنچى، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئون بىرىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش؛ ئون ئىككىنچى، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش؛ ئون ئۈچىنچى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئون تۆتىنچى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش؛ ئون بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش.

شى جىنپىڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى بىرتۇتاش نەزەرگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كەينى - كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا باستۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل بولمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىگەندە، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 10 يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈچ چوڭ ئىشنى باشتىن كەچۈردۇق: بىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق، ئىككىنچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئۈچىنچىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا ئېرىشكەن تارىخىي غەلىبە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن نۇرانە ئورۇن ئالغۇدەك تارىخىي غەلىبە، شۇنداقلا دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تارىخىي غەلىبە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياراتتۇق، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت مىڭ يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئىلمىي، مۇكەممەل ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقاردۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ھەم ئۇنى ئىزچىللاشتۇردۇق، غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردۇق، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردۇق، ماركسىزم ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈپ تۈزۈمنى ئورناتتۇق ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇردۇق، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردۇق، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇردۇق، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى بېكىتتۇق، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئالغا سىلجىتتۇق، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەگەكلىك بىلەن شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، خىزمىتىمىزدە يەنە بەزى يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، بىرمۇنچە قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولدى. جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تېخىمۇ جۇشقۇن كۈرەش روھى، تېخىمۇ مۇستەھكەم غەلىبە ئىشەنچىگە تولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ۋە دەۋرلەشتۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى سەھىپە يارىتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەنتەنىلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتى. ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، ئالدى بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئوبدان ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللاردا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى ئوبدان تەتبىقلىشىمىز كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش شەرت.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسى توغرىسىدا توختالغاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا جەزمەن مۇھىم، زور پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلىشىمىز شەرت: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشىمىز شەرت. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تەرەققىياتتا يېڭى ساھەلەر، يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئۈستۈنلۈك يارىتىشىمىز شەرت. مائارىپنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشىمىز شەرت. ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈش، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدە كۆرسىتىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلىشىمىز شەرت. تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشىمىز شەرت. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى تېزدىن دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز، ھەربىي ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز شەرت. شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى قوللاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز شەرت. ئەڭ زور سەمىمىيەت بىلەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرىمىز، لېكىن، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش تۈرىنى ساقلاپ قالىمىز. بىز ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، شۇنداقلا چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز! 

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇسۇلدا يۈزبېرىۋاتىدۇ. جۇڭگو مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو خەلقى دۇنيا خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك يارىتىشنى خالايدۇ!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە ئەستە چىڭ تۇتۇشى شەرتكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بوشىشىپ ئارام ئېلىۋېلىش، ھالسىراپ بىزار بولۇش كەيپىياتىدا بولساق ھەرگىز بولمايدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا دائىر تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىستىل توغرىلاش - ئىنتىزام چىڭىتىشنى قاتتىق ئاساسىي رىتىم ئارقىلىق يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق 100 يىللىق ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ياراتقان پارتىيەمىز يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

شى جىنپىڭ دوكلات بەرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار، بېيجىڭدىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدىكى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلاردىن بولغان زاتلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە مىللەت، دىن ساھەسىدىكى زاتلار مېھمان سۈپىتىدە قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارمۇ قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشتى.

تەخمىنەن 2500 نەپەر جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى زىيارەت قىلدى، خەۋەر قىلدى.

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر