باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-08-01   

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

 

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم مۇسا (ئوڭدىن 2 - كىشى) كەنت كادىرلىرى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخبارات خەۋىرىنى كۆرمەكتە. لى فېي فوتوسى

 

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

 

7 - ئايدا، بىپايان شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق ھەم سۈزۈك ئىدى، بىپايان تاغ - دەريا، شادلىق ناخشىسى ياڭراپ تۇرغان كەڭ زېمىن، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

 

7 - ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئامبارلار ئاشلىققا لىق تولۇپ، مېۋە - چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، كۈنلەر باياشاتلىققا تولۇپ، خۇشال كۈلكە سادالىرى بەختلىك تۇرمۇشنى جۇلالاندۇردى.

 

بۇ ئوتتەك قىزغىنلىققا تولغان تومۇز مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ يېقىن ئادىمى − خەلق داھىيسى باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

 

شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، شىنجاڭ يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن جاي. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، داشۆدىن مۇزېيغىچە، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن كارخانىغىچە، مەھەللىدىن يېزىغىچە، كېۋەزلىكتىن مېۋىلىك باغقىچە... باش شۇجى ھەربىر جايدا چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان قەدەم ئىزى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى، چوڭقۇر ئويلىنىشىنى قالدۇردى.

 

باش شۇجىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىق خەۋىرى شىنجاڭ زېمىنىدا كەڭ تارقالدى. ھەربىر ئېغىز ئىللىق سۆز، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەربىر دەقىقە، ئۇنتۇلغۇسىز ھەربىر كۆرۈنۈشكە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان دېڭىزدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى، تاغدەك زور ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ زور ئۈمىدىنى چوقۇم يەردە قويماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

 

 زور ئىلھامغا ئېرىشىپ، ئىشەنچ ھەسسىلەپ ئاشتى

 

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

 

«باش شۇجى سىنىپقا تەبىئىي كىرىپ كەلدى، ئۇ تولىمۇ روھلۇق، خۇشخۇي، يېقىملىق ئىدى.» باش شۇجى كىرىپ كەلگەن ئاشۇ كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ لى ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدى، «ئاشۇ دەقىقە كاللامغا مەڭگۈ ئورناپ كەتتى» دېدى ئۇ.

 

مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلىساق، يۆنىلىش تېخىمۇ ئايدىڭ، ئالدىمىزدىكى يول تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ. ياڭ لى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە تەتقىقات خىزمىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، تەكشۈرۈش، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەرسنى چوڭقۇر، ئېنىق، جانلىق سۆزلەيمىز.

 

 «باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى مائارىپ ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى مىن لەنبىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ سىفەن داشۆسى مائارىپ ئىلمى شۆيۈەنى باشتىن - ئاخىر چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ۋە مائارىپ تېخنىكىسى ئىلمى بويىچە دۆلەتتە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈچ كەسىپ قۇرۇلۇشى نۇقتىسى ھەمدە ئالاھىدە مائارىپ بويىچە ئاپتونوم رايوندا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كەسىپ قۇرۇلۇشى نۇقتىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاساس مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.

 

«باش شۇجىنىڭ بىزنىڭ مەھەللە خىزمىتىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ماڭا زور ئىلھام بولدى.» 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى باش شۇجىنى كۆرگەن كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئارزۇگۈل كېرەم ھېلىھەم ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ.

 

شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا. 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئۇلارنى يوقلىدى. مەھەللىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، مىللىيچە كىيىم كىيگەن ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باش شۇجىغا چىن قەلبىدىن ھۆرمەت بىلدۈردى.

 

«باش شۇجى مەھەللە خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن، بۇ، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.» ئارزۇگۈل مۇنداق دېدى: مەھەللىمىز تەۋەلىك رايوندا ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى كۆپ بولۇش، كۆچمە نوپۇس كۆپ بولۇش، سودا تور نۇقتىلىرى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتا، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى بازىسىغا تايىنىپ، «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمەت ماركىسى بەرپا قىلدى. «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەلبىمىزدە چىڭ ساقلاپ، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ياخشى قۇرۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىمىزنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى بەختلىك قىلىمىز».

 

«باش شۇجىنىڭ تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىگە شىنجاڭغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى ۋاڭ شىنرۇي مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي - قانۇن سېپىدىكى بىر ياش كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ۋە خىزمەت نەتىجەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

 

«باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، بىزنى ناھايىتى زور ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لى لىڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى سۆزىدە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش، دائىم ئاڭلاش ۋە كۆرۈش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق، دەپ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «مېھىر - مۇھەببەت شىنجاڭدا، قەلبلەرنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ئانار دانىسى كىچىك دەرسخانىسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىدۇ.

 

«ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يادرونى قەتئىي قوغداپ، باشتىن - ئاخىر داھىيغا يېقىندىن ئەگەشسەكلا، بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتەلەيمىز، بۇ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلگىرىلىتىشتىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ تۈپ بولغان بىر تەجرىبە.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى شېن دېيىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ. «يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشتە، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىدىن قايتماي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئۇدا كۈرەش قىلىمىز».

 

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز

 

شىنجاڭ مۇزېيى شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان، ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيەت قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان سەنئەت سارىيى. بۇ يەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان.

 

 «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي تەپسىلاتلىرىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەپ بەردى.

 

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇزېيغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى بىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى.» شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ مۇزېيى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ.

 

 تەكشۈرۈشتە بولۇش داۋامىدا، باش شۇجى مىللىي ئېپوس «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «ماناس»نىڭ ۋارىسلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. «ماناس» دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ قەھرىمانلىق ئېپوسىنىڭ بىرى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە تاللانغان.

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تۈرىدىن جەمئىي 5425 تۈر بار بولۇپ، ئومۇمىي سان جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

 

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بىزگە شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇتتىكى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، مەدەنىيەتنىڭ قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، روھنى تاۋلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ جيې مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قوللانما قىلىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىمىز.

 

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنىڭ بىرى، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى. 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى.

 

«باش شۇجى بىزنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلىرىمىزگە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزگە كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بىر پورت» ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قوش ئايلىنىشقا پائال مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىگە كۈچ قوشۇپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدە مۇھىم رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

 

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى پورت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گۇەن يۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن دەل ۋاقتىدا تېلېۋىزور ئالدىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندە، گۇەن يۇڭ 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگە يەنە قايتقاندەك بولدى.

 

«مەن نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قەلبىم ئىنتايىن ھاياجانغا تولدى.» گۇەن يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى تاموژنىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاموژنىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاموژنىنىڭ تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئادا قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدا يېڭى ئېشىش قۇتۇپى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

 

ئۇزاق ئۆتمەي، «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» باش تېمىسىدىكى 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

 

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى بىزگە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشتە توغرا كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە كەڭ ئىستىقبالنى كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر رۇڭ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىمىز.

 

كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۆتۈرەڭگۈ - جۇشقۇن روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

 

 بۇيلۇق − ئوت يۇرتى تۇرپاندىكى «غايىۋى گۈزەل جاي». بىر كىچىك ئېرىق بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، قاتمۇقات ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى.

 

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇيلۇققا كېلىپ، تۇرپاننىڭ خاس مېۋە - چېۋە كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ خاس ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

 

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئامما چوڭقۇر كۆزلەندى، ئۇ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ناھايىتى ئىنچىكە، ناھايىتى كونكرېت سورىدى.» ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش تىلغا ئېلىنغاندا، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۇڭجيەننىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقنىدى. «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى داۋاملىق زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز».

 

«بىز تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق قەلبىمىز بىلەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ نازىرى قۇربانجان قۇتلۇق مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ خاسلىقى روشەن، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. بىز يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئەۋزەللىكلەرنى ئېنىق كۆرۈپ، دەل تېپىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

 

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنى زىچ باغلاشنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 

«بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش كېرەك» دېگەن تەلىپى بويىچە، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دىققەتنى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتى كاپالىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

 

 ئېنېرگىيە كەسپى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسپى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، بىزنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.» شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ يۇڭلى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدە يېشىل ئېلېكتىر سودىسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز.

 

بىڭتۇەن 8 - شى 143 - تۇەنىدىكى خۇايۈەن بازىرى مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايدۇ.

 

 143 - تۇەن ساۋەن شەھىرى، ماناس ناھىيەسىدىكى يەتتە يېزا - بازار، 30 نەچچە كەنت بىلەن گىرەلىشىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرما تەرەققىي قىلدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئامما ئوخشاش بىر كۆك ئاسمان ئاستىدا، بىر جاينىڭ سۇ - تۇپرىقىنى ئورتاق قوغداپ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

 

«باش شۇجى: بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىلار ئىناق بولغان، باغچىلاشقان ماكان بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، بۇ بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.» 143 - تۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جىڭۋېي ۋاڭ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز.

 

«باش شۇجى تەكشۈرۈشتە بولۇش داۋامىدا بىر ئەۋلاد ياشلاردىن زور ئۈمىد كۈتتى، بىزنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەتجان داۋۇت مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ئارىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنى قوزغاپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، ئوتتەك ياشلىق باھارىنى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە تەربىيەلەيدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

 

«شى جۇشى تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ناھايىتى زور ئىلھام بەردى.» يېقىندا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۇەنى ھەقىقىي ئوق بىلەن قارىغا ئېتىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر شى جۇشىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندە، ئارمىيە جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئۇرغۇدى. بۇ تۇەننىڭ جېڭۋېيسى سەي ئەيمىن مۇنداق بىلدۈردى: شى جۇشىنىڭ يوليورۇقى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشىمىز.

 

«بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، پۇختا - ئەستايىدىل بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ جيەن.

 

 (مۇخبىر لى چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، لياڭ لىخۇا، فەن چيۇڭيەن، ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن، گۇەن مېڭيىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، ليۇ شياڭ، شى شىن، ليۇ يى، خېي خۇڭۋېي، ياۋ گاڭ، يىن لۇ، چېن چياڭۋېي، شېن زۇشياۋ، رېن چۇنشياڭ)

 

 مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر