باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-08-01   

شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

 

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شى جىنپىڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى كەنت مەيدانىدا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، مەكتەپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، مەھەللە، مۇزېي، يېزا ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مەكتەپنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ھاسىلاتى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلىشىشى دۆلىتىمىزنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى. بىز ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر باراۋەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئورناتتۇق، ھەرقايسى مىللەتلەر سوتسىيالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا ھەقىقىي مەنىدىكى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. بىزنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە سىياسىتىمىز ياخشى، ئۈنۈملۈك بولدى. مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ، چوقۇم پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ، بىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىمىز مۇقەررەر غەلىبىلىك ئىشقا ئاشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مۇقەررەر يېتىپ كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نېگىزى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئەۋزەللىك، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساۋاقداشلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان بىر ئەۋلاد ياشلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كېلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئېكراندىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنىڭ ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك رايونلىرى ۋە ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىنىڭ نەق مەيدان مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆردى ھەم تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت كۆزنىكىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە نەق مەيداندا ئىش بېجىرگۈچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك. شى جىنپىڭ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە دەل جايىدا بولۇشقا تىرىشىش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىشقا تىرىشىش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كەلدى. بۇ مەھەللىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى مەھەللە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى زالى، مېھىر - شەپقەت ئائىلىسى، ئۇسسۇل ئۆيى، ئۆسمۈرلەر - بالىلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىگە كىرىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلىملىرى بويىچە كۆرسەتكەن ماھارىتىنى زوقلىنىپ كۆردى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش، دائىم ئاڭلاش ۋە كۆرۈش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق. ئۇيغۇر مىللىتى ئاھالىسى ئابلەت تۇرسۇننىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ مېھمانخانا، ياتاق ئۆي، ئاشخانا قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس ئەزاسى، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، 56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، پۇختا - ئەستايىدىل بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللە خىزمىتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە تۇتىشىدۇ، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

مەھەللىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، مىللىيچە كىيىنگەن ھەر مىللەت ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باش شۇجىغا چىن قەلبىدىن ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا كېلىپ، «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مىللىي ئېپوس «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «ماناس»نىڭ ۋارىسلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. مۇزېينىڭ 1 - قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا، شى جىنپىڭ بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ 8 - شى 143 - تۇەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يېزا ئىگىلىك 1 - ليەنىنىڭ كېۋەز تېرىش بازىسىدا، شى جىنپىڭ ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىدىن كېۋەز تېرىش، پاختا سېتىش ۋە ئائىلە كىرىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. 9 - ليەننىڭ توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش باغچىسىدا، شى جىنپىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ليەندۈينىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئېكولوگىيە مەنزىرە ساياھىتى ۋە دېھقانلار ئارامگاھى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، يېزا ئىگىلىكىدە كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش شارائىتى ياخشى، ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

143 - تۇەننىڭ خۇايۈەن بازىرى مەيدانىدا، شى جىنپىڭ بىڭتۇەندىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە باسالمايدۇ. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىلار ئىناق بولغان باغچە تۈسىدىكى ماكان بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ چىگرانى ئەمىن تاپقۇزۇش، مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچلىق، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شى جىنپىڭ تۇرپان شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇيلۇقتا شى جىنپىڭ تۇرپاننىڭ خاس مېۋە - چېۋە كۆرگەزمىسىنى كۆردى، شۇ جاينىڭ ئۈزۈمچىلىك خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۇرپان گۈزەل ۋە مۇنبەت، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ تۇرىدۇ، بۇ، كەڭ تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىگە كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. كەنت مەيدانىدا، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تەنتەنە قىلغان ھالدا چۆرىدەپ كېلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى باياشات بولۇشىغا، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

تۇرپان شەھىرىدە، شى جىنپىڭ يەنە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولغان يارغول قەدىمىي شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. يارغول قەدىمىي شەھىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، كۆلىمى ئەڭ زور بولغان خام تۇپراق قۇرۇلمىلىق قەدىمىي بىناكارلىق شەھىرى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يارغول قەدىمىي شەھىرى يىپەك يولىدىكى قاتناش مۇھىم يولى، جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ بىر مۇھىم گۇۋاھچىسى بولۇپ، مۇھىم تارىخشۇناسلىق قىممىتىگە ئىگە. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت نەتىجىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى كىشىلەر قەلبى. بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە قانات يايدۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى، تومۇرى. كەڭ كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭ تارىخى، بولۇپمۇ مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى توغرا تونۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەش، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ماركسىزملىق دىن قارىشىنى پۇختا بىلىدىغان، دىن خىزمىتىگە پىششىق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما خىزمىتىنى ئىشلەشكە ماھىر بولغان پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، ماركسىزملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغان، ئۆگىنىش ئىستىلى ياخشى، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر دىن ئىلمى تەتقىقات قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا مەھكەم ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشتۇر. تارىخىي مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنى توغرىلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقى، شىنجاڭنىڭ ئىچكى جايلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىش، كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە، ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى. پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

 

دوكلات بېرىش يىغىنىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرى، دىنىي ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا قايتىدىغان چاغدا، ھەر مىللەت ئامما يول بويىدا باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى، تەنتەنە سادالىرى ۋە ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر