باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش شان ـ شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-08-01   

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ قەتئىي قوللىشىدا، <بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم> فاڭجېنىنىڭ كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شياڭگاڭ چوقۇم تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپ قۇچىدۇ، چوقۇم ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش شان ـ شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ!»

شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەپ مۇنداق تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش؛ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش؛ ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداش. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ 7 مىليوندىن ئارتۇق شياڭگاڭ ئاھالىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر مەقسەت، بىر نىشاندا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

ھازىر، شياڭگاڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە، ئىدارە قىلىنىشتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشتەك يېڭى باسقۇچتا تۇرماقتا، كەلگۈسى بەش يىل شياڭگاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت تۈرلۈك ئۈمىدكە شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارغا بولغان چوڭقۇر، سەمىمىي غەمخورلۇق نامايان قىلىنغان. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ياخشى گۈللەندۈرۈش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭنى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىلا، ئاندىن مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ زور ئۈمىدىنى ئاقلىغىلى بولىدۇ. تەرەققىيات مەڭگۈلۈك باش تېما بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى، شۇنداقلا شياڭگاڭدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى. تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئورۇننى توغرا تاپقاندىلا، شياڭگاڭ ئاندىن يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ھازىر، شياڭگاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلق رايى − تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش، ئۆينىڭ تېخىمۇ ئازادىرەك بولۇشىنى، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشىنى، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق بولۇشىنى، ياشانغاندا تېخىمۇ ياخشىراق كۈتۈنۈشكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت. ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بوران ـ چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك شياڭگاڭدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلسە بولمايدىغانلىقىنى، يەنە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلسە زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى، بارلىق كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغاندىلا، ئاندىن شياڭگاڭدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق يۇرت ـ ماكاننى ياخشى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى شياڭگاڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك پۇختا ئاساسقا ئىگە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىش ۋە مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىيالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى شياڭگاڭنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى، شۇنداقلا شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى. قەسەمگە سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، <بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم> فاڭجېنىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، نېگىزلىك قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىشى كېرەك.» ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش مەيدانى مۇستەھكەم، باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى گەۋدىلىك، ئاممىغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ھۆكۈمەتكە كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە ئۇزاق كەلگۈسى ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىنى پائال پىلانلاپ، قابىل ھۆكۈمەت بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك بازارنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى سىياسەت ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىش يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مەركەز شياڭگاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، شياڭگاڭنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ قويۇق ئالاقە، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئىسلاھاتنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە مۇجەسسەملەنگەن غايەت زور ئىجادچانلىق ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچنى تولۇق قويۇپ بېرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى پۈتۈن جەمئىيەت، بولۇپمۇ ئاددىي شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئىنتىلىش قىلىپ، تېخىمۇ كەسكىن جاسارەت، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى بۆسۈپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، «ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»نى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. شياڭگاڭ بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئورتاق يۇرت ـ ماكانى، ئائىلە ئىناق بولسا، ھەممە ئىش روناق تاپىدۇ. بارلىق شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈشنى يادرو قىلغان، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، توختىماي ئالغا بېسىش، جان تىكىپ ئېلىشىش، يېڭىشكە جۈرئەت قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرغاندىلا، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتالايدۇ.

ياشلار گۈللەنسە، شياڭگاڭ گۈللىنىدۇ؛ ياشلار تەرەققىي قىلسا، شياڭگاڭ تەرەققىي قىلىدۇ؛ ياشلارنىڭ كەلگۈسى بولسا، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى بولىدۇ. ياشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى دۆلەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەڭ ياشلارنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئۆي سېتىۋېلىشتا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ياشلار ئۈچۈن يول ياساپ، كۆۋرۈك سېلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەندىلا، كەڭ شياڭگاڭلىق ياشلارنى گۈزەل شياڭگاڭ قۇرۇش سېپىگە ئاتلىنىپ، ئوتتەك ياشلىق باھارى ئارقىلىق قالتىس كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاللىقاچان ئەكسىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ شياڭگاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش بۇ تارىخىي مۇساپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىشتا، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرساقلا، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، شياڭگاڭ چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر