باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-08-01   

 سەمىمىي غەمخورلۇق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىلەرنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن غەيرەتكە كېلىپ ياخشى ئىشلەۋاتقان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىپ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سەمىمىي يوقلىغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى زور ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.

قىسقىغىنا نەچچە كۈن ۋاقىتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلەشتى، خەلق تۇرمۇشى ھەققىدە پاراڭلاشتى، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا مۇڭداشتى، ھەم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزدى، ھەم باھار پەسلىدىكى دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇردەك سەمىمىي مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزدى، بۇنىڭغا خەلق داھىيسىنىڭ شىنجاڭدىكى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىنغا بولغان دېڭىزدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى، 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان تاغدەك زور ئۈمىدى مۇجەسسەملەندى. خەلق داھىيسى خەلقنى سۆيىدۇ، خەلق داھىيسىنى خەلق سۆيىدۇ. باش شۇجى بارغانلا يېرىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، چىن قەلبىدىن باش شۇجىدىن ئەھۋال سوراپ، خەلق داھىيسىغا مۇتلەق ساداقىتىنى ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئىبارەت ئۇيۇل تاشتەك ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى، 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى پۈتۈنلەي توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

بېلىق سۇنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك، بەختنىڭ مەنبەسىنى بىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەربىر نەتىجە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىر ھالقىشنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەممىسىگە باش شۇجىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى مۇجەسسەملەنگەن. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىدۇ، يادرو كەلگۈسىگە يول باشلايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ ۋە بايان قىلىپ، كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئايدىڭلاشتۇردى. شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا ئىلگىرى قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقلىرى بىلەن نىشان جەھەتتە باشتىن - ئاخىر ئىزچىل بولدى، تەلەپ جەھەتتە تومۇرداش بولدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېيىتىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدىكى مۇھىم بىر يىل. بىز سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىمىز؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز؛ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز؛ تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇشىمىز؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشىمىز؛ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

يېڭى دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ شەرەپلىك ھەم مۇقەددەس، باش شۇجىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدى سەمىمىي ھەم زور. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر