باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > تاراتقۇلارغا نەزەر

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-08-01   
باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

  □شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  تىيانشاندا ناخشا ياڭرىدى، تارىم دەرياسى شادلىققا چۆمدى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چەكسىز ھاياجان ۋە خۇشاللىق ھېسسىياتىغا چۆمدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، ھېرىپ - چارچىغىنىغا قارىماي، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، يول بويى مېڭىپ، يول بويى كۆرۈپ، يول بويى سەمىمىي تەلىم بېرىپ، يول بويى سەمىمىي تاپشۇرۇق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى بۇ كەڭ تۇپراققا يەتكۈزۈپ، خەلق داھىيسىنىڭ خەلقچىل، خەلقنى سۆيىدىغان، خەلقنى كۆزلەيدىغان قىزغىن ھېسسىياتى ۋە شانلىق ئوبرازىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناتتى.

  سەمىمىي غەمخورلۇق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، سەمىمىي ئۈمىد كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، تېزدىن قىزغىن دولقۇن قوزغاپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى شەھەر، يېزا - كەنتلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىكى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەنلىكى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى تولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يەنىمۇ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجى، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىلىك ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۇتاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىپ، ئېتىقاد بىلەن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش جەريانىنى ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىش، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتنى ياخشىلاش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر توغرىسىدىكى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈشى، بايانى ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ قاتلامدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا يەتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئورتاق تونۇش ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى يەردە قويماي، تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبىگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  باھار يامغۇرى قەلبلەرنى ئىللىتتى، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى. بىز تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ كۈچلۈك پىكىر يولى، تەدبىرلەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر