باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى 2024-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-05-24   

5-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنى 2024-يىللىق مەملىكەتلىك تولۇق كۇرس سىنىپى، شىنجاڭ تولۇق كۇرس سىنىپى، ماگىستىر ئاسپىرانت سىنىپى، ئاخۇنلار تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى سىنىپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 68 ئوقۇغۇچى ئوڭۇشلۇق ئوقۇش پۈتتۈردى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ياڭ فامىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي جېنجياڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى 11-ئىدارىسى مەكتەپ باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇراسىمغا قاتناشتى، مۇراسىمغا يەنە جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن رۇبىن، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ قاتناشتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ كېفا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ياڭ فامىڭ سۆزىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قەلبىگە پۈككەن يېڭى دەۋر كىشىلىرىدىن بولۇشقا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدىغان سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا، ئۆمۈرلۈك ئىلىم ئىزدەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەلۇماتلىق، مەسئۇلىيەتچان، پەزىلەتلىك ئادەم بولۇشقا، ياخشى ئىش قىلىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەتەن ۋە خەلق مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

مۇراسىمدا، دىپلوم ۋە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى تەسىراتىنى سۆزلىدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە لەۋھە تەقدىم قىلدى.

جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

 

( لى يۈجيا خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللا غاپپار؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ )

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر