باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئامان-ئېسەن يېتىپ باردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-05-24   

5-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگودىن تۇنجى تۈركۈمدە ھەجگە ماڭغان 1053 كىشى (گەنسۇدىن 769 كىشى، يۈننەندىن 284 كىشى) ئۈچ ئايروپىلان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئامان-ئېسەن يېتىپ باردى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى سۇڭ ئېنلىن قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرودۇرۇمغا چىقىپ، دۆلىتىمىزدىن تۇنجى تۈركۈمدە ھەجگە كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

بۇ يىل، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ھەج قىلغۇچى ئاممىغا دىنىي يېتەكچىلىك، داۋالاش، يۇقۇم مۇداپىئەسى، بىخەتەرلىك كاپالىتى، يېمەك-ئىچمەك، قاتناش، تۇرالغۇ، ئېكسكۇرسىيە قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن 60 نەچچە خىزمەتچى ئەۋەتتى.

(ما فېڭ خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللا غاپپار؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر