باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ 2024-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى پىراكتىكا قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-05-24   

5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ 2024-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەنخۇي ئۆلكىسىگە بېرىپ 6 كۈن پىراكتىكا قىلدى، جەمئىي 58 نەپەر كىشى قاتناشتى.

كۆپچىلىك شۆجياۋا ئېكولوگىيە بېغى، مائەنشەن پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسى، شوۋشيەن ناھىيەلىك مۇزېي، ئەنچىڭ ناھىيەسىدىكى تەنخۇادى قەدىمىجايى، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى، ئەنخۇي ئىجادىيەت سارىيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئەنخۇينىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى چۈشىنىپلا قالماي، يېڭى دەۋردىكى ئەنخۇينىڭ تېز تەرەققىياتىنىمۇ ھېس قىلدى. ئېكسكۇرسىيەلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش غايە-ئېتىقادى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، كۆپچىلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەيدىغان رەھبەرلىك يادروسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىرادە ۋە ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى.

ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار يەنە ۋۇخۇ مەسچىتى، مائەنشەن مەسچىتى، شوۋشيەن مەسچىتى، ئەنچىڭ مەسچىتى، مىڭجياۋ بۇتخانىسى، ئەنچىڭ چېركاۋىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئېكسكۇرسىيەلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئەنخۇيدە ھەرقايسى دىنلار ساغلام داۋاملىشىپ بېرىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى ۋە دىنلارنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇش مۇناسىۋىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ھېس قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىرىشىپ كىلاسسىك ئىسلام ئەقىدىلىرىنى، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلىدىغان ” قوش پىششىق“ ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ،  ”تۆت ئاڭ“نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ”تۆت ئىشەنچ“نى تېخىمۇ چىڭىتىپ،”ئىككىنى قوغداش“نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يولىدا ئېغىشماي مېڭىشقا يېتەكلەيمىز.

خېفېي شەھىرىدە، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، خېفېي شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، خېفېي مەسچىتىدە دىنىي زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە دىنىي ئىشلار پىراكتىكىسى قىلدى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ كېفا، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ما چىڭشەن قاتارلىق رەھبەرلەر سۆھبەتكە قاتناشتى.

( ليۇ شىن خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللا غاپپار؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ )

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر