باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

2024-يىللىق جۇڭگو ھەج پائالىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-05-17   

5-ئاينىڭ 9-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ باشچىلىقىدا، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ بارلىق خادىملىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىپ، ئالدىن بارغان خادىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو تەشكىللىك ھەج پائالىيىتىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

10-چېسلا، ئۆمەك باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم مەككە شەھىرىدىكى تۇرۇشلۇق جايدا بارلىق خىزمەتچىلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە خىزمەت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىنتىزام ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدىن ھەج قىلىش ئۈچۈن كىلىدىغانلارنى كۈتۈۋېلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى دىنىي يېتەكچىلىك، داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە، ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىلقى تەشكىللىك ھەج قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مەككە ۋە مەدىنەدىكى خىزمەت تەقسىماتى بېكىتىلدى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلدى. چۈشتىن كېيىن، مەدىنە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىن بارغۇچى خادىملىرى دەسلەپكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئۈچۈن مەدىنەگە يۈرۈپ كەتتى.

(ما فېڭ خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللا غاپپار؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر