4-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو دىنى ئىسلام شۆيۈەنى 8-نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى مۇ كېفا قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
مۇسابىقە ۋاسكىتبول، پەي توپ، تىك-تاك توپ، ئارغامچا تارتىشىش، تەپكۈچ تېپىش قاتارلىق بەش تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. مەدەنىي مەكتەپ كەيپىياتىنى يەنىمۇ بېيىتىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇسابىقە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىۋىزىملىق روھى ۋە كوللېكتىپ شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.
(ليۇ شىن خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللا غاپپار؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ)