باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

’’دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش‘‘ مەخسۇس تېمىلىق كۇرس مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىدە ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2024-05-17   

’’دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش‘‘ مەخسۇس تېمىلىق كۇرس 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ، مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چۈ ۋېي ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە بارلىق كۇرسانتلارغا جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئىختىساسلىقلار ئامبىرى ئەزاسى تەكلىپنامىسىنى تارقىتىپ بەردى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھتەرەم شىرىپ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسى ۋە مۇسۇلمان ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ’’ئىككىنى تىكلەش‘‘نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ’’ئىككىنى قوغداش‘‘نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ دىن ئىلمى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىن ئىلمى ئاساسىنى پۇختىلاپ، دىن ئىلمى بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلام دىنى دىن ئىلمى ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشىش؛ تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئىلىم تەتقىقاتىدا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، ئومۇمىيەتنى ئويلاپ، مەسئۇلىيەتنى چۈشىنىپ، كەسىپچانلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

بۇ قېتىمقى مەخسۇس كۇرس بەش كۈن داۋاملاشتى، كۇرستا ’’شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش‘‘، ’’باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش‘‘، ’’باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش‘‘، ’’ئىسلام دىنى بىلەن رۇجيا مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە يېڭى دەۋردە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش‘‘، ’’ماركسىزملىق دىن قارىشى‘‘، ’’ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسى‘‘، ’’جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش‘‘ قاتارلىق دەرسلىكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام دىنى دىنىي ۋەزىپىدىكى خادىملىرىدىن 40 نەپەر ۋەكىل تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

كۇرس مەزگىلدە، ’’دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش‘‘ مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەتلىشىش-پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، يەتتە كۇرسانت ۋەكىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىن ئىلمى ئىدىيەسى تەتقىقاتى، ئىسلام دىنى بىلەن رۇجيا مەدەنىيىتىنى يۇغۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئىسلام دىنىنى يەرلىكلەشتۈرۈش تەجرىبىلىرى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن باشلىقى مۇ كېفا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھتەرەم شىرىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا، كۇرسانتلار ۋەكىللىرى ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھتەرەم شىرىپ ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە خۇلاسە سۆزى قىلدى.

(ما رۈيچياڭ خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: خالمۇرات ئىمىن؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇھتەرەم شىرىپ)

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر