باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-12-29   

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ بېيجىڭدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز باشلاپ كەلگەن شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇھتەرەم شېرىپلار قاتناشتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مۇ كېفا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنى قارشى ئالدى ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي تىلەكلەرنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە باشتىن-ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇملۇققا، قانۇنچىللىققا، ئىلىم-پەنگە، مېھىر-مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىش يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك؛ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىسلام دىنىغا سىڭدۈرۈپ، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، دىنىي پەزىلەتنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان مۇنەۋۋەر دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئاكتىپ سۆز قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى كۆرگەزمىخانىسىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەخسۇس فىلىمىنى كۆردى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتى شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قانات يايدۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش مەقسەت قىلىنغان.

 

(ما دەن خەۋىرى، ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىمىت ئوسمان؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر