باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش بويىچە مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-12-29   

11-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل  ھاجى كېرىم قاتناشتى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۇھتەرەم شېرىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش بولسا شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ”شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش“ ۋە شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى مېڭىپ، ئىسلام دىنى دىن ئىلمى ئىدىيەسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر توپلىمى» قاتارلىق ۋەز سۆزلەش ئۆرنەك نۇسخىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئىشلىتىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ساقلاپ، ۋەتەن ۋە خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر شىنجاڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، تەتقىقاتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئىلمى ئاساس ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ لىنسۇڭ، بېيجىڭ داشۆ مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ جىگاڭ، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى پەلسەپە ۋە دىنشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ گۇيپىڭ، مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ جىن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ جيەنيىڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى لىن، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تارىخ ۋە جەمئىيەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ پىڭ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى سىياسىي-قانۇن شۆيۈەنى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ياۋ شۆلى قاتارلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان دىنىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى شىنجاڭدا ئىسلام دىنىغا سىڭدۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 

(ما جيې خەۋىرى، ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىمىت ئوسمان؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر