باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش باش تېمىسىدىكى يۆخۇا مۇنبىرى ئۆتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-12-29   

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ”شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، باش شۇجىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى“ باش تېمىسىدىكى يۆخۇا مۇنبىرى ئۆتكۈزدى، مۇنبەر جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھازىرقى زامان ئىدېئولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داڭلىق مۇتەخەسسىسنى دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن، مۇ كېفالار قاتناشتى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇنبەر مۇنداق دەپ قارىدى:  مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى،  يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى شۇكى،  شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى بويىچە تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب، باش شۇجىنىڭ يول باشلاپ ماڭغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى نۇرغۇن يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

مۇنبەردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى مەدەنىيلىك بۇرچنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك.

ما جۇڭپىڭ خۇلاسىلاپ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا ئۇنىڭ ئىجادىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەۋى ئالاھىدىلىكى ۋە پەزىلىتىنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى لېكسىيەگە قاتناشتى.

 

(مىن جۈنچىڭ خەۋىرى، ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىمىت ئوسمان؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر