باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم گېرمانىيە دىن جەمئىيىتى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-10-20   

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم بېيجىڭدا ۋوت ھايدېرىش باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە دىن جەمئىيىتى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭغا ۋاكالىتەن زىيارەت ئۆمىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام تارىخى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يولغا قويغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى، شۇنداقلا ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە قانات يايدۇرۇۋاتقان تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تونۇشتۇردى.

ئۆمەك باشلىقى ۋوت ھايدېرىش مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگودىكى دىنلار ئىناقلىقىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم. ئۇ جۇڭگو-گېرمانىيە دىن ساھەسىنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئىككى تەرەپ يەنە ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ مەدەنىيىلىك جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

(ما دەن خەۋىرى ۋە فوتوسى، تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر