باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ شىنجاڭغا بېرىپ، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-10-20   

جوڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ، جايلاردىكى بىرلىك سەپ، مىللەت-دىن ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ ئىلى شۆبىسى، خوتەن شۆبىسى، ئاقسۇ شۆبىسىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە غۇلجا شەھىرى شەنشى چوڭ مەسچىتى، ئونسۇ ناھىيەسى ئونسۇ بازىرى مەرھابا مەسچىتى، قاراقاش ناھىيەسى چىنىباغ كوچا باشقارمىسى كونا شەھەر مەسچىتى ۋە ماڭلاي يېزىسى بازار بويى مەسچىتى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ جايلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى ئۇزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى دىن ئىلمى ئىدىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش لازىم؛ ”سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان“نى ئۆلچەم قىلىپ، جايلاردىكى ئىسلام دىنى شۆيۈەنلىرىنىڭ ئاساسىي مۇھىم ئورۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنى كىلاسسىك كىتابلار، دىنىي ئەقىدىلەرنى پۇختا ئىگىلىگەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلىدىغان يۇقىرى قاتلاملىق ”قوش پىششىق“ ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش لازىم؛ دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

(ليۇ جيې خەۋىرى، ما رۈيچياڭ فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر