باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ ”ئىمام ھۈسەيىننىڭ تىنچلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى“ خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-10-20   

9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئىمام ھۈسەيىننىڭ تىنچلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى“ خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى كەربالا تەتقىقات مەركىزى سەفۋەت ئۇنىۋېرسال شۆيۈەنى ۋە ”40 كۈنلۈك ھۆرمەت بىلدۈرۈش زىيارىتى“ پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. كەربالا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇ ئەمىر قۇرەيش باشلىنىش سۆزى قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق زاتلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرىنى بايان قىلدى. سەفۋەت ئۇنىۋېرسال شۆيۈەنىنىڭ گۇرۇپپىلار مۇھاكىمە يىغىنىدا، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

يېپىلىش مۇراسىمىدا ئالجىرىيەلىك داڭلىق ئالىم يەھيا زەكەرىيە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى ھەمدە يىغىننى خۇلاسىلىدى. مىسىرلىق ئالىم ئابدۇل ئەزىز نەججار يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. كەربالا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور نەزىر يىغىن باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار ھەمدە ئىراقتىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالىملىرىدىن بولۇپ 400گە يېقىن كىشى قاتناشتى. مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى جۇڭگو-ئىراق ئىسلام دىنى ساھەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كېڭەيتتى.

(ما فېڭ خەۋىرى، رەسىمنى خەلقئارا ئىشلىرى بۆلۈمى تەمىنلىگەن، تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر