باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-10-20   

15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى باش تېما قىلىندى، مۇسابىقىگە مەملىكەتتىكى 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىدىن كەلگەن 90 ماھىر قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 56 نەپەر ماھىر ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىگە، 34 نەپەر ماھىر قىرائەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل ھاجى  كېرىم ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ھەمدە يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ، ياڭ گۈەنجۈن ۋە جىن جيەنخۇا قاتارلىقلار يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، خۇبېيلىق ماھىر مى لياڭ ۋەز-تەبلىغ  مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. گۇاڭدۇڭلۇق ماھىر مى ۋېنگاڭ ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ماھىرى ما يۇڭجېن، چى خەيشىن ۋەز-تەبلىغ  مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. سەنشىلىك ماھىر جەي جيەنشياڭ، شىنجاڭلىق ماھىر ئوسمان قاسىم، شەندۇڭلۇق ماھىر ۋېن يەن، فۇجيەنلىك ماھىر ما چاڭئەن ۋە نىڭشيالىق ماھىر گۇ يۈسەي ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.  

نىڭشيالىق ماھىر گۈەن چىنفۇ قىرائەت مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. چىڭخەيلىك ماھىر ما فېڭيىڭ، جېجياڭلىق ماھىر ما خەيمىڭ ۋە شىنجاڭلىق ماھىر توختىباي شاھىمەردان قىرائەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. گەنسۇلۇق ماھىر ما سۇنجىكې، شىنجاڭلىق ماھىر يۈسۈپ ھاشىم، ما جىگاڭ، ئالىم مەمەت ۋە گۇيجۇلۇق ماھىر سو پېڭدۇڭ قىرائەت مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. خەينەنلىك ماھىر چېن مېينا قىرائەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئىگىلەش لازىم. كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى باشتىن-ئاخىر چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. يېڭى ۋەز-تەبلىغ يېزىش، يېڭى ۋەز-تەبلىغ سۆزلەشتە ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىگە يېتەكلەپ، مۇسۇلمانلارنى باشتىن-ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ۋارىسى، ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن قىلىش كېرەك. ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىگە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىش لازىم. مۇسابىقە ئارقىلىق بىلىمگە تېخىمۇ ئىنتىلىپ، ئۆگەنگەننى تەپەككۇر قىلىش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگەنگەن بىلىمنى دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ۋە جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى ساقلاش لازىم. دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە دىننى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمان ئاممىنى دۆلەتنىڭ قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىلىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دائىرىدە پائالىيەت قىلىش لازىم. ئىقتىسادچىللىققا ئىنتىلىپ، ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىشتەك ياخشى كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، ئىستىلى دۇرۇس بولغان ياخشى دىنىي مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە يەنە مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى باھالاپ چېقىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە خېنەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

(قەلبىنۇر خەۋىرى ۋە فوتوسى، تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر