باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-09-01   

8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى بېيجىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، كۇرسقا 20 كۇرسانت قاتناشتى.

كۇرسقا مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو خەلق داشۆسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنىپ، «پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاش»، «ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بۇرچنى زىممىگە ئېلىش»، «ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئىسلام دىنى تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش»، «ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ۋە قانداق قىلىش كېرەك؟»، «ئىسلام دىنى ۋە خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى» قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ باردى.

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىلجان ھاجى كېرەم، مۆھتەرەم شېرىپ قاتارلىقلار قاتناشتى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئېچىش جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى بىلەن جايلاردىكى ئىسلام شۆيۈەنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش جەھەتتە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، بىرلىكتە ھەمكارلىشىشتىكى پايدىلىق سىنىقىدۇر. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بۇ تۈرلۈك خىزمەتكە تەرەققىيات نەزىرى بىلەن قاراپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بىرلىكتە قوغداش كېرەك؛ شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىش كېرەك؛ ئۆز ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، دىن ئىلمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئىزچىل ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تەربىيەلەش مەزگىلىدە، كۇرسانتلار بېيجىڭ شياڭشەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى شۆيۈەنى ۋە بېيجىڭ دۇڭسى مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

(قەلبىنۇر خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر