باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-08-16   

ژۇرنىلىمىز مۇخبىرى

 

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭ خەلق چوڭ سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن رۇيفېڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى شەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ گۇەنجۈن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. يىغىندا «شانلىق مۇساپە: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 70 يىللىقى» ناملىق خاتىرە فىلىم قويۇلدى.

چېن رۇيفېڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى رايونلار ۋە ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ۋە بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت ئىنتىلىش قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇن يولدا مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە يېتەكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش داۋامىدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ”تۆت ئاڭ“نى كۈچەيتىپ، ”تۆت ئىشەنچ“نى چىڭىتىپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش؛ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشىنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەركىزىي ئومۇمىيەت خىزمىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛ دىننى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ياڭ فامىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر باشتىن-ئاخىر پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭدى؛ باشتىن-ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولدى؛ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 70 يىللىق پەللىسىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئاڭلىق مۇستەھكەملەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ”كىلاسسىك دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە پىششىق“ ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىغا ساغلام ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئاممىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى، داڭلىق مۇسۇلمان ئەربابلار، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ خىزمەتتىكى كادىرلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

 

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇخەبەر ئابلەت؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر