باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-08-15   

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىغا بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىلجان ھاجى كېرىم، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭلار كۆرگەزمىنى بىللە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ”بۈيۈك بىرلىكجۇڭخۇا مەدىنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىدىكى تارىخىي گېنى“، ”بۈيۈك يۇغۇرۇلۇشجۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇپ مۇجەسسەملىنىشىدىكى تارىخىي مەخپىي سىرى“، ”بۈيۈك ئىتتىپاقلىق—جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىدىكى تۈپ كاپالىتى“دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، كىشىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى توغرا تارىخى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، مۇستەھكەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىگەن.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى؛ كۆرگەزمىنى كۆرۈش ئارقىلىق بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىدىكى تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىق كۈچىگە تايىنىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئارقا-ئارقىدىن قولغا كەلتۈردى. ئىسلام دىنى ساھەسى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىدا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نى قەتئىي قوغداپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

(ما دەن خەۋىرى؛ قەلبىنۇر فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر