باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-07-20   

7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17:00 ئەتراپىدا، ئېلىمىزنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانى جىددە ئايرودۇرۇمىدىن ئوڭۇشلۇق ئۇچۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاجىلار نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرى ۋە شىزۈيشەن شەھىرىدىن كەلگەن. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى، باش ئۆمەكنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ كۆپچىلىكنىڭ ھەج پەرزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ھاجىلارنىڭ ۋەتەنگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ھەج دىنىي ئىبادەت ھەمدە مەدەنىي ھەرىكەتتۇر دېگەن ئىدىيەنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاقى تەربىيەلىنىشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يۈرۈش-تۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە شەخسىي ئەخلاق-پەزىلەت ئارقىلىق ھەج پەرزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاجىلارنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش لازىم؛ ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېلىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ، ئوتتۇرا يولدا چىڭ تۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ھەج ئۆمىكىنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن، ئېلىمىز ھاجىلىرى مەككىدىكى تۇرۇشلۇق جايدىن يولغا چىقىپ، رەتلىك تىزىلىپ، تەرتىپلىك ماڭدى، قايتىش جەريانى ئوڭۇشلۇق، مۇقىم بولۇپ، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلدى. شۇ كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يەنە بىر ھۆددە ئايروپىلانى ۋە شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانى نىڭشيا ۋە يۈننەندىن كەلگەن ھاجىلارنى ئېلىپ، جىددىدىن يىنچۈەن ۋە كۈنمىڭغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار 6- چېسلا ئەتىگەندە ئارقا-ئارقىدىن تىنچ-ئامان چېگرادىن كىردى. شۇنىڭ بىلەن تەشكىللىك ھەج قىلىشنىڭ قايتىش خىزمىتى مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى.

 

(مىن جۈنچىڭ خەۋىرى؛ مىن جۈنچىڭ، لۈ يىبو فوتوسى، تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر