باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئامان-ئېسەن يېتىپ باردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-07-20   

5-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلىرى ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، نىڭشيا يىنچۈەندىن سەئۇدى ئەرەبىستان مەدىنە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا تىنچ-ئامان يېتىپ بېرىپ، 2023-يىللىق جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىۋەتتى. تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچى 386 نەپەر بولۇپ، نىڭشيانىڭ يىنچۈەن، شىزۈيشەن قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن. شۇ كۈنى يۈننەندىن كەلگەن يەنە بىر ھەج قىلغۇچىلار ئولتۇرغان ھۆددە ئايروپىلانىمۇ مەدىنەگە يېتىپ باردى.

ئېلىمىزنىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ۋاڭ چىمىن ۋە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى، جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا بېرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە قىسقا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، باش كونسۇل ۋاڭ چىمىن قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، كۆپچىلىككە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. ما جۇڭپىڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ۋاڭ چىمىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەدىنەگە ئامان-ئېسەن يېتىپ كېلىپ، ھەج سەپىرىنى باشلىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشىغا ئاساسەن ھەج پائالىيەتلىرىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ئېلىمىز مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ خەلقئارا ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشىنى ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئامان-ئېسەن ھەج قىلىش، تەرتىپلىك ھەج قىلىش، مەدەنىي ھەج قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يىل جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 60تىن ئارتۇق خىزمەتچىنى ھەج قىلغۇچى ئامما ئۈچۈن دىنىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىك كاپالىتى، يېمەك-ئىچمەك، قاتناش، تۇرالغۇ، ئېكسكۇرسىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

جۇڭگو ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى لى گاڭ، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ چېن يۈلۇڭ، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى چاڭ چىڭلياڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

 

(مىن جۈنچىڭ،قەلبىنۇر خەۋىرى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات راجەپ)

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر