باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە نازارەتچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-05-15   

5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى دائىمىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە نازارەتچىلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىدە ئېچىلدى، جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، مۇكېفا، مۆھتەرەم شېرىپ قاتارلىقلار قاتناشتى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنى ئوقۇتۇش- تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىگۇڭ سۆز قىلدى.

ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۇرس شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، جايلارنىڭ ئىسلام دىنى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇ كۇرسانتلارنىڭ ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، تەربىيەلەشتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ كونكرېت لايىھەسى، كونكرېت تەدبىرىگە، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنى خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، كۆپچىلىك مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى زو پېڭنىڭ «20-قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرايلى» دېگەن تېمىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىنى كوللېكتىپ ئاڭلىدى.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسى ئالتە كۈن داۋاملاشتى، تەربىيەلەشتە ئاساسلىق  دەرسلىكلىرىدىن «پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى»، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش»، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش»، «دىن خىزمىتى ۋە قانۇنچىلىق تەپەككۇرى»، «ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى»، «جۇڭخۇا ئادىمىيەت روھى ۋە دىننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارى»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىق دەرسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك دائىمىي كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە نازارەتچىلىرى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

(ما فېڭ خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر