باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن رۈيفېڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىپ سۆھبەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-04-13   

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن رۈيفېڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىن، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

 چېن رۈيفېڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز بىرلىكسەپ خىزمىتى يىغىنى، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە يوقۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە پائال يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزىم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.

تەكشۈرۈش جەريانىدا، چېن رۈيفېڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆرگەزمە زالى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى ۋە نيۇجيې مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ياڭ جىنبو، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دۇۋېي، مەركىزىي كومىتىت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

( ما فېڭ خەۋىرى؛ ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر