باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-03-28   

2023-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن رۇبىن مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لارى نادۇ نۇشىرۋان بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭغا ۋاكالىتەن باش ئەلچى لارى نادۇ نۇشىرۋاننىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە جۇڭگو ئىسلام دىنى ۋە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئاستىدا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە مۇسۇلمان ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى. مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن يەنە باش ئەلچىگە ھەمراھ بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ كۆرگەزمە ئۆيى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

باش ئەلچى لارى نادۇ نۇشىرۋان مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىننىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇسۇلمان ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ماختىدى. ئۇ مالايسىيادىكى ئالاقىدار ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

(ما يىخۇي خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر