باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن ئىراقنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-03-24   

2023-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن رۇبىن زىيارەتكە كەلگەن ئىراقنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى دوكتور نىزار زاھىر بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي، دوستانە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن نىزار زاھىرنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئىراق مەدەنىيەتلىك قەدىمى دۆلەت، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى ئۇزۇن، بۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

نىزار زاھىر ئىراقنىڭ ئىسلام دىنى ۋە ئىراق مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

(ما فېڭ خەۋىرى؛ دۇڭ سەيمو فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا  ئۆمەر، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر