باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-03-17   

2023-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىلجان ھاجى كېرىم، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۇ كېفا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ روھىنى ئايرىم-ئايرىم يەتكۈزدى ھەمدە ئېلىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆگىنىش تەسىراتى قاتارلىقلاردا ئورتاقلاشتى. مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى مۇھتىرەم شېرىپ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلى ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چېقىلدى. بۇ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق بولۇپ، ئەمەلىيەتچان بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان يىغىن، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى رەئىسلىكىگە سايلاندى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، بۇ خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ئاۋامنىڭ رايىدۇر.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى، كەلگۈسىنى سۈرەتلەپ بەردى،  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى  ئۆگىنىشنى، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ”تۆت ئاڭ“نى كۈچەيتىپ، ”تۆت ئىشەنچ“نى چىڭىتىپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىش داۋامىدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش لازىم؛ ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، ئېلىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك  دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ماقۇللىدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ ۋە مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ئادىلجان ھاجى كېرىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ماقۇللاندى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ئەزالىقىغا سايلاندى.

(ۋۇ شۇمېي خەۋىرى ۋە فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر