باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-03-02   

2023-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى، مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنى بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى، پىروفېسسور ۋاڭ شياۋخۇڭنى ”پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش“ تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىن، مۆھتەرەم شېرىپ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

پىروفېسسور ۋاڭ شياۋخۇڭ بەش جەھەتتىن سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى، يەنى ”ئىككىنى تىكلەش“نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چەمبەر مەركىزىنى چىڭ ساقلاپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىش؛ بىرلىك سەپنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىرلىك سەپنىڭ ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىك سەپنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگە بولغان يېڭى بايانلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى چوڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش؛ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىك سەپكە قويغان يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭ بىرلىك سەپ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

پىروفېسسور ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتى ئۈچۈن تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى مۇساپىدە، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ چوڭ ئىتتىپاقلىقىنى چوقۇم كۈچەيتىپ، چوڭ ئىتتىپاقلىق، چوڭ ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ”تۆت ئاڭ“نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ”تۆت ئىشەنچ“نى چىڭىتىپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش كېرەك.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە لېكسىيەنى ئاڭلىدى.

(ماقالە مەنبەسى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى؛ قەلبىنۇر خەۋىرى؛ ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر