باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-02-23   

2023-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بېيجىڭدا «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئىتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ گۈەنجۈن يىغىنغا قاتناشتى. بېيجىڭ داشۆسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بېيجىڭ تىل داشۆسى، مەركىزى سوتسىيالىزم شۆيۈەنى، نەنجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى، تاشقى ئىقتىساد-سودا داشۆسى، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنى ۋە بېيجىڭ ئىسلام جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن ئالىملار ۋە ئىسلام دىنى ساھەسى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «جۇڭگو  مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ژۇرنال چىقىرىش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى: بىرىنچى، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ ئىككىنچى، دىندا تۇرۇپ دىننى سۆزلەپ، دىن ئىلمى ئىدىيە قۇرۇلۇشىغا ياردەمچى بولدى؛ ئۈچىنچى، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىنى دەستۇرلارنى كۇڭزىچىلىق تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ شەرھلەش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى؛ تۆتىنچى، سۇپا بەرپا قىلىپ، ئىسلام جەمئىيىتى خىزمەتلىرى توغرىسىدا تولۇق ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى؛ بەشىنچى، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويوپ داڭلىق مەخسۇس سەھىپىلەرنى بەرپا قىلدى؛ ئالتىنچى، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو دىن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى؛ يەتتىنچى، پائال ئىزدىنىپ، تارقىتىش يوللىرىنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ژۇرنال جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 20-قۇرۇلتاينىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى 20-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشى كېرەك؛ ژۇرنالنى تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي ئورۇن، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرلىرى بىلەن ياخشى چىقىرىپ، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنى ھەقىقى تۈردە پارتىيەنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە، جۇڭگوچە ئىسلام دىنى دىن ئىلمى ئىدىيە قۇرۇلۇشى سۇپىسى ۋە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشقان تەتقىقاتنى قانات يايدۇرىدىغان ئىلمىي بازىغا ئايلاندۇرۇپ، ژۇرنالنىڭ تەسىر كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار ژۇرنالنىڭ ئورنىنى بېكىتىش، سەھىپە تەسىس قىلىش، مەزمۇن پىلانلاش، بەت لايىھەلەش قاتارلىق مۇھىم قارالمىلارنى چۆرىدەپ، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشى، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمغا بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك؛ دىندا تۇرۇپ دىننى سۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك دىن ئىلمىگە دائىر ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەتتە بولۇشقا يېتەكلەپ، چەكتىن ئاشقان قاراش ۋە ئەسەبىي ئىدىيەگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئېلىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زور خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش لازىم؛ ئىلمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ژۇرنالنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئىلمىي تەسىرىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئەنئەنىۋى ژۇرنال بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىلىم مۇلازىمىتى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى ۋەزىپىگە تىرىشىپ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.

يىغىندا پىروفېسسور جاڭ جىگاڭ، پىروفېسسور جى فاڭتۇڭ، پىروفېسسور لو لىن، تەتقىقاتچى گاۋ جەنفۇ، پىروفېسسور ياڭ گۇيپىڭ، تەتقىقاتچى لى لىن، پىروفېسسور جياڭ تاۋ، ما لىچياڭ ئەپەندى ۋە دوكتور مۇ ۋېيبىن «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىندى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرىگە تەكلىپلىك تەيىنلەش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مىن جۈنچىڭ «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىش قارارى ۋە تەھرىر ھەيئىتىنىڭ خىزمەت تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئوقۇپ ئۆتتى. «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىكى بارلىق خادىملار يىغىنغا قاتناشتى.

(ما فېڭ خەۋىرى؛ ۋۇ شۇمېي فوتوسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى بارات رەجەپ.)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر