باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي يىغىنى ئاچتى، رەھبىرىي كادىرلار 2022-يىللىق خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2023-01-14   

2023-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي يىغىنى ئاچتى، رەھبىرىي كادىرلار 2022-يىللىق خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى جىن رۇبىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن باش كاتىپلار، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ھەر قايسى بۆلۈم، ئىشخانا مەسئۇللىرى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

يىغىندا، خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەنلەر، باھالاش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 2022-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ھەم نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ، يارقىن نۇقتىلارنى نامايان قىلدى ھەم مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەھلىل قىلدى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ سۆزىدە كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىغا باھا بېرىپ، ھەرقايسى بۆلۈم، ئىشخانىلارنىڭ 2022-يىلى قانات يايدۇرغان خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باشتىن-ئاخىر سىياسىي كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، “ئىككىنى تىكلەش”نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، “تۆت ئاڭ”نى كۈچەيتىپ، “تۆت ئىشەنچ”نى چىڭىتىپ، “ئىككىنى قوغداش”نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خىزمەتلەرنى پىلانلىغاندا دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇش، يىراقنى كۆزلەش، چوڭقۇرلۇقنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە، ئالدىن كۆرەر تەپەككۇر ۋە كەڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن نېمىنى قىلىش، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ دېگەن كەڭ قورساقلىق بىلەن، زېھنىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشكە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش كېرەك.

مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، خىزمەتلەرنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، زىددىيەت ئالدىدا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، كىرىزىس ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەۋەنلىك ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك.

ئىنتىزامغا قىلچە تەۋرەنمەي ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئۆز تارمىقىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا يۈزىنى قىزارتىش، تەرلىتىش، دائىم ياخشىچاقبولۇۋالماسلىق كېرەك؛ قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پائال ھەسسە قوشۇش كېرەك.

 

(ياڭ جىنشى خەۋىرى ؛ تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلياس ئىسلامبەك؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

 

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر