باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-12-20   

2022-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە،  14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باش تېما قىلغان بولۇپ، سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 55 نەپەر ماھىر ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىگە، 39 نەپەر ماھىر قىرائەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى، مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ھاجى كېرىم ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە يېپىلىش مۇراسىمىدا خۇلاسە سۆزى قىلدى، مۇئاۋىن باشلىقى قۇشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق، گۇاڭدۇڭلۇق ماھىر خۇ ۋاڭ ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ماھىرى چى خەيشىن، شىنجاڭلىق ماھىر ئابدۇرېھىم ئىسلام، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ماھىرى ما جياشۇ ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ماھىرى ما شياۋجۈن، شىنجاڭلىق ماھىر لەن تاۋ، جياڭسۇلۇق ماھىر ما جىچېڭ، چىڭخەيلىك ماھىر ما جۇڭ، جېجياڭلىق ماھىر مۇ يىخەي ۋە بېيجىڭلىق ماھىر خې چى ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. شىنجاڭلىق ماھىر ئەمەرجان دولقۇن قىرائەت مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى، گەنسۇلۇق ماھىر خەن جۇڭلىن، خەينەنلىك ماھىر لىخۇا ۋە چىڭخەيلىك ماھىر ما شيۇگۇي قىرائەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، گۇيجۇلۇق ماھىر لى خۇڭسەي، جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ ماھىرى ما جىنمىڭ، چىڭخەيلىك ماھىر خەن يىنۇسى، يۈننەنلىك ماھىر ما يىيې، يۈننەنلىك ماھىر ما تاۋ ۋە شىنجاڭلىق ماھىر ما يۇڭشېڭ قىرائەت مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، يۈننەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، خۇنەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئسلام شۆيۈەنى مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرىۋاتقان تەپسىر قىلىش ۋە ۋەز سۆزلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم يولى، جۇڭگو ئىسلام دىنى دىن ئىلىم ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم سەھنىسى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە يۇقىرى سەۋىيەدىكى دىنىي بىلىملەرنى سۆزلەيدىغان ۋە قىرائەت قىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە، مۇسۇلمان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق پەرق ئېتىش، ئاڭلىق ھالدا چەكتىن ئاشقان ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇپ، ئەسەبى ئىدىيەگە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چۆرىدەپ، باش تېمىسى روشەن بولغان مەملىكەتلىك ۋەز-تەبلىغ مۇسابىقىسى ۋە قىرائەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلىرىدىكى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدىيە-قاراشلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ، دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە، تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

ياڭ فامىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچىدىن، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغاش لازىم. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، چىقىرىلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغاپ، كەڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلار ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرى ۋە ئەخلاق جەۋھىرىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەمدە بۇنى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ”بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش“نى كۈچەيتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مەنىۋى كۈچىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ۋەز سۆزلەش، قىرائەت قىلىش سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىش لازىم. دىنىي بىلىملەرنى سۆزلەشتە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشكە، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىشكە، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇشقا، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، دىنىي بىلىملەرنى سۆزلەش مۇسۇلمان ئاممىنىڭ باھار يامغۇرىدەك، ئۈن-تىنسىز ھالدا ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشىگە، ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، مۇسۇلمان ئامما ئاڭلاپ ئىشنىڭ يولىنى بىلەلىشى، ھەق-ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلىشى لازىم. قىرائەتنىڭ ئۆلچەملىك، پۇختا، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قىرائەتنى ئاڭلىغاندا جىسمانىي ۋە روھىي ئوزۇق ئېلىشىغا، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ساپا، دىنىي بىلىم ۋە ئەخلاق تەربىيەلىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىدىيىۋى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 
 
 
 

(مىن جۈنچىڭ، ما خەيياڭ خەۋىرى؛ مىن جۈنچىڭ فوتۇسى؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەت ئابلا ئۆمەر، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر