باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 20- قۇرۇلتىي روھىنى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلايلى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-12-17   

ياڭ فامىڭ

بۈگۈن بىز مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، تونۇش ۋە تەسىراتىمىزنى تولۇپ ئالماشتۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيەلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ دەل ۋاقتىدا بولدى، ئەھمىيىتى چوڭقۇر. تۆۋەندە مەن بىر قانچە تەسىراتىمنى دوكلات قىلىمەن.

1.    پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش

2022-يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخ بېتىگە مۇقەررەر پۈتۈلىدىغان مۇھىم كۈن، ھەممە ئىنتىزار بولغان، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20- قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا غەلبىلىك ئېچىلدى. دىن ساھەسىدىكى ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتىم، نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدىم، تەنتەنىلىك، مۇقەددەس، ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارغا گۇۋاھ بولدۇم، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان قىزغىن كەيپىياتنى ھېس قىلدىم، چەكىسز شەرەپ ھېس قىلدىم.

باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: "پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي". شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ۋەزنى ئىنتايىن مۇھىم، ئەھمىيىتى قەدىم ۋە ھازىردىن ھالقىغان.

باش شۇجىنىڭ دوكلاتىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، ھەيۋەتلىك، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ھەر بىر جۈملىسىگە چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى سىڭگەن بولۇپ، ئىنتايىن زىلزىلە كۈچىگە، چاقىرىق كۈچىگە ئىگە. ئۆتمۈشكە نەزەر سالساق، باش شۇجىنىڭ دوكلاتىدا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئون يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى، قولغا كەلتۈرگەن تارىخي غەلبىلەرنى ئورتاق باشتىن كەچۈردۇق، بىز بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز. ئ‍ۆتمۈشنى ئەسلەش، كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر. باش شۇجى دوكلاتىدا پارتىيەنىڭ يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈشى، قانداق يولدا مېڭىشى، قانداق روھىي ھالەتنى ساقلىشى، قانداق نىشانغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق جاكارلىدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرو جەھەتتىن نەزەر سېلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىسى ۋە چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى ئىلمىي پىلانلىدى. بۇ بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزدىكى خىتابنامە، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، يول باشلىغۇچى چىراقتۇر.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەقىقەت نۇرى مۇقەررەكى گۈللىنىش يولىنى يورۇتىدۇ. بۇ، ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان، چوڭقۇر تارىخىي كۆزىتىش ئىقتىدارىغا، مۇھىم نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە، قۇدرەتلىك ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكىگە ئىگە دوكلات، كەلگۈسى ئومۇميۈزلۈك پىلانلانغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش شانلىق كەلگۈسى سۈرەتلەپ چىقىلغان دوكلات بولۇپ، قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى سېھرىي كۈچنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياڭراق سىگنالىنى ياڭراتتى.

ھەقىقەت مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە، ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلۇغ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەنگەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن كاتتا يىغىن بولۇپ، مەن تەلىيىمگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن.

2.    پارتىيەنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش

ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتتىكى بۇ سۆزى كىشى قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈپ، كىشى قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى، دوكلاتتىكى كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان ھەربىر گۇرۇپپا سان-سىفىرلار، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ھەربىر مۇۋەپپەقىيەتلەر، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق ھەربىر سىياسەت تەدبىرلەر، ھەربىر قېتىملىق تەنتەنىلىك جاكارلاشلارغا پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىرى ئۆزگەرمەيدىغان چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن.

خەلقنى سۆيگەنلەرنى خەلق مەڭگۈ سۆيىدۇ. ھەربىر قېتىم باش شۇجىنىڭ يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىگە تەنتەنىلىك جاكارلاپ ۋە تەنتەنىلىك ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، نەق مەيداندىكى ئامما قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، بۇ ئالقىش سادالىرى كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىگە بولغان ئالىي ئېھتىرامى، يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە بولغان قىزغىن مەدھىيەسى بولۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پىلانلانغان، كەلگۈسى ئىستىقبالغا بولغان قەتىئىي ئىشەنچىسىدۇر. يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى-سىرتىدا، پارتىيە رايى بىلەن خەلق رايى ئوخشاش بىر چاستوتىدا، ماس قەدەمدە بولدى، مەن نەق مەيداندا تۇرۇپ، ناھايتى ئىلھاملاندىم، ھەسسىلەپ روھلاندىم.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق تارىخىغا، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى 10 يىللىق ئۇلۇغ تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سالساق، پارتىيەمىز خەلقنىڭ قەلبىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ سەمىمىي ھىمايىسىگە، خەلقنىڭ سادىق قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىىپ، يول بويى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، غەلبىدىن يېڭى غەلبىگە يۈزلىنىپ، شانلىق نەتىجىدىن يېڭى شانلىق نەتىجە ياراتتۇق. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئەڭ كەڭ خەلق تەرەپتە تۇرۇش مەڭگۈ تارىخنىڭ ئەڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش دېمەكتۇر. باش شۇجى تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلققە پايدىلىق بولۇشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مىزانىنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك. خەلققە بەخت يارىتىش − ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلغانلىقىنى سىياسىي نەتىجىسىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىددىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك. خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم ئەسلىي مەقسىتى، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى ئەڭ زور ئىشەنچىدۇر.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىگەنلىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز چوقۇم قەتئىي قوغدايمىز، قەتئىي ھىمايە قىلىمىز.

3.روھنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىىكى تارىخىي بۇرچىنى دادىل زىممىمىزگە ئالىمىز

”يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن! “باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەلبىمنى لەرزىگە سېلىپ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزگە ئىلھام بەرمەكتە.

يېڭى دەۋر، جۇڭگو ئارزۇسى، ھەر بىر كۈرەش قىلغۇچىغا يۈكلەندى. پارتىيە 20 -قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى، يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى داۋاملىق قوزغاپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئۇنى كەڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ”دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك“دېگەن تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرەت شىجائەتكە تولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

(1) سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ”تۆت تارىخ“نى ئۆگنىش تەربىيەسى، ”پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش“ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى تارىخنى بىلىپ، پارتىيەنى سۆيۈشكە، تارىخنى بىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، قەتئىي ھالدا ”پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان “ ۋەتەنپەرۋەرلەدىن بولىمىز. ”تۆتنى مەسچىتكە كىرگۈزۈش“ پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى ”بەشنى قەلبتىن ئېتراپ قىلىش“نى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك، سوتسىيالىزم، كوللېكتىۋىزملىق ئىدىيەۋى ئاڭنى ئۆستۈرۈش؛ دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشقا، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئ‍ۆستۈرۈپ، ئىرادىدىن قايتماي پارتىيە ۋە دۆلەت بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە مېڭىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مۇسۇلمان ئاممىغا يەتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ”تۆڭ ئاڭ“نى كۈچەيتىپ، ”تۆت ئ‍ىشەنچ“ نى چىڭىتىپ، ”ئىككىنى قوغداش“نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ”ئىككىنى تىكلەش“نى قەتئىي قوغدايمىز.

(2) مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى قەتىئىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىنىي دەستۇرلارنى قايتا تەرجىمە قىلىش، تاللاپ تۈزۈش، ئىزاھات بېرىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان تەپسىر قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ قاراتمىلىق، تېخىمۇ دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە دىنىي بىلىملەردىن ۋەز سۆزلەش ئۈلگىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، ئوتتۇراھال بولۇش، تىنچ بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئىككى دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەش ئ‍ىدىيەۋى تەشەببۇسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئ‍ىسلام دىنى ساھەسىنىڭ ”چوڭ ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىلىم-پەنگە ئەھمىيەت بېرىش، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش“ تەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەڭ ئېتىقادچى ئاممىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەتكە ئاتلىنىپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، سەمىمىي ئەمگەك قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىنىي ئىدىيە، قۇرۇلۇش، كىيىم-كېچەك، مۇزىكا، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، بېزەكچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگو ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتراپ قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. چەكتىن ئاشقان قاراشلاردىن ئاڭلىق يىراق تۇرۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇش؛ «دىنىي دەستۇرلارنى كۇڭزىچىلىق تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ شەرھلەش»تىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىقنى قېزىپ، «ئىسلام مەدەنىيىتىنى كۇڭزىچىلىق بىلەن يۇغۇرۇش»ئىدىيە نەتىجىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق چوڭقۇر ئوزۇقلاندۇرۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىرادىدىن قايتماي جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش؛ بايرىقىمىز روشەن ھالدا جانلىق مىساللار ۋە ئېنىق پاكىتلار ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە غەرب كۈچلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك سىياسىتىگە قىلغان يامان غەرەزلىك ھۇجۇمى ۋە پاكىتنى بۇرمىلاپ قارا چاپلاشلىرىغا رەددىيە بېرىپ، دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش؛ تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى تەشبۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا ئىسلام دىنى ساھەسىدە جۇڭگونىڭ سۆز ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش؛ جۇڭگونى چۈشىنىدىغان، جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان، جۇڭگونى سۆيىدىغان كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈپ، خەلقئارا دوستلار چەمبىرىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ”بىر بەلباغ، بىر يول“ قۇرۇلۇشى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

(3) يىراق تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىسلام دىنى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەپ كۈچەيتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي خىزمەت سۈپىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەم بىر تۈركۈم لاياقەتلىك ئىسلام دىنى خادىملىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، ھەم دىنىي دەستۇر ۋە ئەقىدىلەرنى پىششىق بىلىدىغان، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلىدىغان يۇقىرى قاتلام «ئىككىگە پىششىق» ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ؛ مەدرىسە مائارىپىنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئەنئەنىۋى مەدرىسە مائارىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، ئۇنى ھازىرقى زامان دىنىي مەكتەپ مائارىپى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپىسلاشتۇرۇش، ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي مەكتەپلەر بىر تۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى، مەدرىسە مائارىپى ۋە دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشتىكى بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى تۈزىتىپ، يېزىپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچىلىشىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

(4) دىننى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق باشقۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تۈرلۈك دىنىي قائىدە، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنىي خادىملارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئارقىلىق ئادەمنى ياخشى باشقۇرۇش، ئىشنى ياخشى باشقۇرۇش، پائالىيەتلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، دىن ئىستىلى مەسىلىسىگە ”قەتئىي يول قويماسلىق“تا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن  ئىسلام دىنى خادىملىرىنى ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك؛ بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان چەكتىن ئاشقان كۆز قاراش، ئىچكى تالاش-تارتىش ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە توغرا قاراشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەم چوڭ، ھەم ھەشەمەتلىك ئىنتىلىش، دىننى باھانە قىلىپ بايلىق توپلاش، بۇزۇپ-چېچىپ ئىسراپ قىلىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنى توسۇپ، دىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش؛ بېڭىدىن قۇرۇلغان نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ پاك، ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مۇۋەپپەقىيەت كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، كۈرەشنىڭ چېكى بولمايدۇ. بىز چوقۇم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆپچىلىكنىڭ ‍ئۈمىدىنى يەردە قويماي، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور ئىدىيەۋى قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، زور تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋرگە ئ‍ۇيغۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىسلام دىنى ساھەسىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشىمىز.

 

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلياس ئىسلامبەك؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر