باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ئىزچىللاشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-12-17   

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلىپ 21-قېتىملىق يىغىن ئاچتى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي ماۋخۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىنغا مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىننىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يەن جۆ رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يەن جۆ، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى گۇاڭفۇ، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لى شەن، جۇڭگو خرىستىئان دىنى ئۈچ ئۆزلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۈ شياۋخۇڭ، جۇڭخۇا خرىستىئان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋۇ جيەنرۇڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى كەڭ-كۇشادە سۆزلىدى.

كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتىلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە ئ‍ېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تولۇق ئاۋاز بىلەن مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، دىن ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىردەك ھىمايىسىگە ئېرىشتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، شى جىنىپڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، چۈشىنىپ ئ‍ۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ”ئىككىنى تىكلەش“نىڭ زور سىياسىي نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زور نەزەرىيەۋى نەتىجىسى ۋە قۇرۇلتاي ماقۇللىغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)»نىڭ زور تۈزۈم نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى پۇختا ئىگىلەش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ئىگىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى ئىگىلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەلەپنى ئىگىلەش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىسىدە، دىن ساھەسىدىكىلەر دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىن ساھەسىدە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتمىز ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك.

ھەر قايسى مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەتتە تۇرۇشلۇق مەسئۇللىرى، باش كاتىپى (باش ئىش بېجىرگۈچىسى) ۋە جۇڭخۇا خرىستىئان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسى، ئايال ياشلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

مەنبە: بىرلىكەسەپ يېڭى سۆزلىرى

(تەرجىمە قىلغۇچى: رامىلە ئابدۇراھمان؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر