باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-11-15   

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىگە:

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، جەمئىيىتىمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەردىن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

بىرىنچى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تېخى ئەمدىلا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان مۇھىم يىغىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان مۇھىم يىغىن، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇلغان، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، يۈكسەكلىكى يۇقىرى، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. شۇڭا، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، قېنىق، رەڭدار سەھىپە پۈتۈشتە، ئابىدىلىك مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىككىنچى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر 16 جەھەتتىن خۇلاسىلەندى، يىغىنچاقلاندى. يېڭى دەۋردىكى 10 يىل، ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردە گەۋدىلىنىدۇ. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە: مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىنى تاۋلاپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى، جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشتى. ئەڭ نېگىزلىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ تارىخ ۋە دەۋرنىڭ يەكۈنى بولۇپ، ئىككىنى تىكلەش ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ سايلام نەتىجىسى، ئىككىنى تىكلەش”نىڭ ئاللىبۇرۇن پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى مىسلىسىز قىممەتلىك ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچتۇر، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتىكى مىسلىسىز مۇستەھكەم  ئاساس ۋە ئىشەنچىمىزدۇر.

ئۈچىنچى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، بىرلىك سەپ ھەققىدىكى مۇھىم بايانلارنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدىن بۇيان،  ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى مۇستەھكەملەندى، كېڭەيتىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىلدى، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: ئەلرايى_ ئەڭ چوڭ سىياسىي، بىرلىك سەپ_ ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ-قۇۋۋەت توپلايدىغان قۇدرەتلىك ئەڭگۈشتەر. بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ بىرلىكتە ئويلاش، بىرلىكتە ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىشىمىز كېرەك. بىز باشتىن-ئاخىرى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسى مۇھىم پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى كۈچەپ كۆزلەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، پارتىيە بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۆت ئاڭنى كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

تۆتىنچى، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى بولۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، چىقىرىلغان يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈش، تېزدىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاش كېرەك؛ مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك؛ دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش دېگەن مۇھىم تەلەپنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىن ئىلىمى ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىقتىسادچىل بولۇشنى ئۇلۇغلاپ، ھەشەمەتچىلىكنى توسۇشنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، دىنىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

بىز ھەممىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!

 

                                                                   جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى

2022-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى

(تەرجىمە قىلغۇچى: رامىلە ئابدۇراھمان؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر