باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام دىنى 11-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2022-09-26   

جۇڭگو ئىسلام دىنى 11-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە داغدۇغىلىق ئېچىلدى، يىغىنغا 295 نەپەر ۋەكىل قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي ماۋخۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ ئېچىلىش نۇتقى ۋە يېپىلىش نۇتقى سۆزلىدى، باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك كېڭىشىگە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

سۈي ماۋخۇ سۆزىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىسلام دىنى 10-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 10-نۆۋەتلىك كېڭىشى بېكىتكەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

سۈي ماۋخۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككىنى تىكلەشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۆت ئاڭنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇپ، بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دىنىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى كېڭىشىنىڭ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق ئۇلۇغ ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

يىغىندا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيانقى ئاساسلىق خىزمەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەت تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» ۋە «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)»، «مەسچىتنى دېموكراتىك باشقۇرۇش چارىسى» ، «ئىسلام دىنى خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش چارىسى» ، «ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنىنىڭ ئاساسلىق دىنىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىش چارىسى» ، «ئىسلام دىنى خادىملىرىنىڭ ھەرىكەت قائىدىسى»قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسنامىسى»نى ئېلان قىلدى، «جۇڭگو ئىسلام دىنى 11-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنى قارارى»نى ماقۇللىدى.

يىغىندا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى سايلاپ چىقىلدى، ياڭ فامىڭ جەمئىيەت باشلىقلىقىغا سايلاندى، ما جۇڭپىڭ، ما ۋېنيۈن، ۋاڭ ۋېنجيې، مۇھتەرەم شېرىپ، دەي جۈنفېڭ، مچىجى، مەمەت جۈمە، ياڭ ۋەنلى، ياڭ گۇەنجۈن، ياڭ رۈيچياڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ھاجى بەكرى مەمەتقۇرمان، ئادىل ھاجى كېرىم، جىن رۇبىن، جىن خۇڭۋېي، جىن شۇلۇڭ، جىن جيەنخۇا، خەن جوخۇي، بەي شىڭفۇ، مۇ كېفا مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ما جۇڭپىڭ باش كاتىپلىقنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالدى.

يىغىندا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك نازارەتچىلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى، ما كەيشيەن باش نازارەتچىلىككە، ۋاڭ شۇلى، مەمتىمىن رىشات مۇئاۋىن باش نازارەتچىلىككە سايلاندى.

جەمئىيەت باشلىقى ياڭ فامىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشى؛ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى يولىدا يېڭىلىق يارىتىشى؛ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى دىن ئىلمى ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى؛ دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى؛ مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئامما مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 

(تەرجىمە قىلغۇچى: ئىلياس ئىسلامبەك، تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر