باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-12-23   

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىگە:

2021-يىلى12-ئاينىڭ3-كۈنىدىن4-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دىن مەسىلىسى ۋە دىن خىزمىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شۇڭا، جەمئىيىتىمىز مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرگە تەشەببۇسنامە چىقاردى.

1. مۇھىم زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. پارتىيە18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. 2016-يىلى4-ئايدا، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىگىلەش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دىن خىزمىتىدىكى نەتىجە، تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، دىن خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

2. روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى ساھەسىدە يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، يىغىن روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ “توققۇز جەزمەن”نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە دىننى قانداق تونۇش، دىن مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز “توققۇز جەزمەن”نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

3. توغرا يۆنىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2016-يىلى4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: “دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەشتىكى بىر مۇھىم ۋەزىپە دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىنى قوللاشتىن ئىبارەت”. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: “دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك”. بۇ جۇڭگوچە دىن نەزەرىيەسىدىكى مۇھىم، زور يېڭىلىق، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۆرسىتىپ بېرىلگەن تۈپ يۆنىلىش ۋە داغدام يول. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغان دىنلا، پەقەت جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان دىنلا، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشالايدۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلىشالايدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىدە رولىنى پائال جارى قىلدۇرالايدۇ. بىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىسلام دىنىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خىسلىتىنى ساقلاپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

4. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەك. مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلام دىنى ساھەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە ئىسلام دىنى دىن ئىلمى ئىدىيە سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ۋارىسلىق قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش؛ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە يېتەكلەپ، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، دىنىي سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدە قانۇنچىللىق تەشۋىقات تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەدبىقلاش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىش؛ تىرىشىپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي جەھەتتە بىلىملىك، ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىل زاتلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، “تۆت ئاڭ”نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ،“تۆت ئىشەنچ”نى چىڭىتىپ، “ئىككىنى قوغداش”نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىسلام دىنى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

 

(مەنبە:جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تورى)

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر