باش بەت > خەۋەر ۋە ئۇچۇر > مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى19 -نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئ‍ۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2021-12-03   

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى 25-نويابىر ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى 26-نويابىر ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، يىغىنغا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۇڭپىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئوقۇش ئارقىلىق كۆپچىلىكنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى، رەئىس ياڭ فامىڭ، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئادىل ھاجى كېرەم، جىن رۇبىڭ، سۇڭ ئېنلىن ۋە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.

كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە، ئىككى 100 يىلنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى قارارى» يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى سىياسىي خىتابنامە، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرىمىز. يىغىن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپنى چۈشىنىشكە، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىككىنى تۇرغۇزۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشباش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولسا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭكۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچىسىئىكەنلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا ئومۇميۈزلۈك يېتەكلەش؛ پارتىيەنى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا داۋاملىق ياخشى مېڭىش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسۇلمان ئاممىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، تۆت ئاڭ نى كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەلا نەتىجە بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالىمىز.

جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئىسلام شۆيۈەنىنىڭ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى تارقاتتى.

 

(مەنبە:جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى؛ رامىلە ئابدۇراھمان تەرجىمىسى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: بارات رەجەپ)

 

تەۋسىيەلىك تېمىلار
يەنە >>سۈرەتلەر