جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەكلىپ بىلەن رۇسىيەگە بېرىپ 5-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىجۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى4-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ۋە دېڭىز يىپەك يولى مۇنبىرى جىنجياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى
تاراتقۇلارغا نەزەر
ما شىڭرۇي دىن خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى ​دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىننىڭ ئىناق، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە ئالاقىدار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىگە كېلىپ، دەرسخانىغا كىرىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە....
ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك
10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-0كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭنىڭ خوتەن، قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى تەتۈر كەنتىدە كادىرلار ۋە ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى...
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى....
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى...
جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەكلىپ بىلەن رۇسىيەگە بېرىپ 5-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى
7-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك باشلاپ رۇسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول ئىدىيەسى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يولى ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقى سۆزلىدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ”يىپەك يولى روھى: دىنىي قىممەت قارىشىنىڭ بۈيۈك ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى رايونىدىكى مۇھىملىقى“نى باش تېما قىلغان بولۇپ، يىغىننى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئىسلام دىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، رۇسىيە مۇفتىلار كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى  3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى
7-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ فامىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپ ما جۇڭپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى»نى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
4-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ۋە دېڭىز يىپەك يولى مۇنبىرى جىنجياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى
4-نۆۋەتلىك ئىسلام دىنى ۋە دېڭىز يىپەك يولى مۇنبىرى 5-ئاينىڭ 30-، 31-كۈنلىرى فۇجيەن ئۆلكىسى چۈەنجوۋ شەھىرىنىڭ جېنجياڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە ”پارلاق دېڭىز يىپەك يولىنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش“ باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىلەن فۇجيەن ئۆلكىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى، جېنجياڭ شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ئۆتكۈزدى.
جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام داشۆسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
5-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۆھتەرەم شېرىپ بېيجىڭدا مالايسىيا خەلقئارا ئىسلام داشۆسى ئىسلام پۇل مۇئامىلىسى ۋە بانكىچىلىقى شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، دوكتور رۇسنى خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-نۆۋەتلىك پەن ۋە دىنشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى
2018-يىلى9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك ئۆمەك قىرغىزىستان ئىسلام دىنى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن رۇسىيە مۇپتىلار ھەيئىتى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىشكەكتە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «يىپەك يولى روھى−ئۇلۇغ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە زامانىمىزدىكى خىرىس» تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك پەن ۋە دىنشۇناسلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى
2018-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن9-كۈنىگىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كەڭ قورساقلىقنى تەشەببۇس قىلىش مىنىستىرلىقى پايتەخت ئابۇدەبىدە خەلقئارا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. تەكلىپكە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پىروفېسسور مى شۇۋجياڭ ئۆمەك باشلىقى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بارات رەجەپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ياڭ جىجۇڭ، خەلقئارا بۆلۈم خىزمەتچىسى مىن چاڭ، خەنزۇچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مىن جۈنچىڭ قاتارلىقلار ئۆمەك ئەزاسى بولۇپ تەشكىللەنگەن 5 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن 140تىن ئارتۇق دۆلەتتىن 400دىن ئارتۇق ئالىم، بىر قىسىم سىياسىي ئەربابلار ۋە داڭلىق ئۆلىمالار قاتناشتى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلاپ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى
ئۆزبېكىستان مۇسۇلمانلار دىنىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ئۆمەك باشلىقى، مۇئاۋىن رەئىس مۇ كېفا قاتارلىق 6 كىشى ئۆمەك ئەزاسى بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، ئۆزبېكىستاندا 5 كۈنلۈك دوستانە زىيارەتتە بولدى.
جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ فامىڭ ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ”ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى دۇنيا ئالىي دەرىجىلىك مۇسۇلمان ئالىملىرى كېڭىشىش يىغىنى“غا قاتناشتى
ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ”دىن ھالقىغان ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى“ ئالاھىدە ئەلچىسى، ”ئاسىيا دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى“نىڭ رەئىسى دىڭ شەمسىدىن دوكتورنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يا فامىڭ، خەلقئارا بۆلۈمىدىن ما جېي 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، ھىندونېزىيەنىڭ بوگوردا ئۆتكۈزۈلگەن “ئىسلام دىنى ئوتتۇرھاللىق ئىدىيەسى دۇنيا ئالىي دەرىجىلىك مۇسۇلمان ئالىملىرى كېڭىشىش يىغىنى”غا قاتناشتى، يىغىنغا 36 دۆلەتتىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، دىنىي داھىيلار، مۇسۇلمانلار ئالىملار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ھىندونېزىيەنىڭ ھۆكۈمەت ساھەسى، دىنىي ساھە ۋەكىللىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ كارا ئايرىم-ئايرىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەئسۇمە ئىبتىكار، مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەيىخى ئەھمەد مۇھەممەد ئەھمەد تەييىب، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئابدۇللا مەتۇق، سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور شەيخ ئابدۇلمۇھسىن قاسىم قاتارلىقلار ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى.
سىنلىق خەۋەرلەر
دىن ۋە ھايات
دىن ۋە مەدەنىيەت
مەدرىسە مۇستەنسىرىييە
ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇستەنسىر بىللاھ ئەلئابباسى(مىلادىيە 1226-يىلىدىن 1243-يىلىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت-مائارىپقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلىپىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 17 يىل ئىچىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن، باغدادتىكى مۇستەنسىرىييە مەدرىسەسى ئۇنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىدە مىلادىيە 1227-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 700 مىڭ دىنار سەرپ قىلىنغان، مىلادىيە 1233-يىلى 4-ئايدا مەزكۇر مەدرىسەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمغا مىڭدىن ئارتۇق قوي سويۇلۇپ، ھەرخىل يېمەكلىكلەر ۋە مېۋە-چېۋىلەر تىزىلىپ ناھايىتى چوڭ زىياپەت سورۇنى ھازىرلانغان....
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
ۋەز-تەبلىغلەر
سىنلىق قىرائەت ۋە دۇئا
قانۇن-نىزاملار
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەير-ساخاۋەت قانۇنى
1-ماددا بۇ قانۇن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەير-ساخاۋەت مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، خەير-ساخاۋەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، ھەدىيە قىلغۇچىلار، پىدائىيلار، مەنپەئەتدارلار قاتارلىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى....
ئائىلە ۋە جەمئىيەت
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى(1)
ئاللاھ تائالانىڭ ئەر بىلەن ئايالنى ئۆزئارا ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقى، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىشتىكى يۈكسەك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر: ”ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ)ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا(يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار“{سۈرە«رۇم»(30-سۈرە)، 21-ئايەت}. ...
سۈرەتلەر