باش بەت > دىن ۋە مەدەنىيەت > ئىسلام تارىخى

ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان

A A A يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27   

يۈسۈپجان سەمەت

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

 

ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان ھىجرەتتىن 47 يىل بۇرۇن تائىفتا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەجدادى رەسۇلۇللاھنىڭ نەسەبى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇ رەسۇلۇللاھتىن ئالتە ياش كىچىك.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ دادىسى باي سودىگەر ئىدى. ئۇ تىجارەت ئىشى بىلەن شامغا بېرىپ ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن ئوغلى ئوسمانغا نۇرغۇن مال-مۈلۈك مىراس قالغان. ئوسمان ئىبنى ئەففانمۇ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تاپقان پۇللىرىنىڭ مەلۇم قىسمىنى كىشىلەرنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلاتتى؛ شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ھۆرمەتلەيتتى. ئۇ ئۆز قەبىلىسى بەنى ئۇمەييەلەرنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سەييىدى(خوجايىنى) بولغاندىن سىرت، قۇرەيشلەر ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە ئالاقىدار ماتېرىياللاردا، ئۇنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بىلەن بىللە ھاراقنى ئۆزىگە ھارام قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. كۆپلىگەن ساھابىلەرنىڭ ھاياتىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتىغا دائىر مەلۇماتلار تولۇقسىز. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىسلامدىن كېيىنكى ھاياتى تارىخنىڭ بەتلىرىدە جۇلا قىلىپ، بىزنى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەقىقىي ھاياتقا ئۈندەپ تۇرىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلام تارىخىدا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ۋەقەلەردە ئىنتايىن ئاز تىلغا ئېلىنىدۇ، ھەتتا ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئەلى قاتارلىقلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئىسمىنى كەم ئۇچرىتىمىز. ئۇنداقتا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئورنىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتكەن ئەمەللىرى زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىش ئەھمىيەتلىك بىر ئىش.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيى كەلگەندە ئۇ 34 ياشقا كىرگەنىدى. كۆپ ئۆتمەي ئىسلام دىنىغا كىرىپ، دەسلەپكى ساھابىلەردىن بولۇپ قالدى. تارىختا ئۇ ئاۋۋال ئىمان ئېيتقان ئون ساھابىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ دوستى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ دەۋىتى ئارقىلىق مۇسۇلمان بولغان.

ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق دىنغا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا بىلەن شامغا تىجارەتكە چىقىپ، قايتىپ كېلىۋېتىپ ئاڭلىغان. تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ئالاقىدار تۆۋەندىكىدەك سەھىپىلەر ئۇچرايدۇ:

ئىبنى ھەجەر ئۆزىنىڭ «ئەلئىسابە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ:

ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھاممىسى سۇئدە بىنتى قۇرەيز جاھىلىيەت دەۋرىدە كاھىنە بولۇپ، ئۇ ھەزرىتى ئوسمانغا بىر كۈنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ پەيغەمبەر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھەزرىتى ئوسمان مۇنداق دەيدۇ: ھاممامنىڭ سۆزلىرى مېنى ھەر دائىم قايمۇقتۇرۇپ قوياتتى، مەن ئەبۇ بەكرى بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇراتتىم، بىر كۈنى ئۇنى يوقلاپ باردىم، ئۇ يالغۇز ئىكەن. مېنىڭ ئويچانلىقىمنى كۆرۈپ، سەۋەبىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ھەقىقەتەن ئېغىر-بېسىق، توغرا سۆزلۈك ۋە ئالدىن كۆرەر كىشى ئىدى. مەن ھاممامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ: ”ئوسمان! سەن ئاقىل ئادەم، ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيسەن، ئادەملىرىمىز چوقۇنۇۋاتقان شۇ سەنەم-بۇتلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ ئۇلار گاس-گاچا تاش پارچىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ؟“ دېدى. مەنمۇ ئۇنى قۇۋۋەتلەپ: ”دېگەنلىرىڭ راست“ دېدىم. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى: ”ھامماڭ ئەسلىدە توغرا گەپ قىپتۇ. شۇ ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللانى بىلىسەنغۇ؟ ئاللاھ ئۇنى ئەلچى قىلىپ، ھۆكۈمىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. خالىساڭ مەن سېنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرەي“ دەپ تەكلىپ بەردى. مەن: ”ياق“ دەپ تۇراتتىم، دەل شۇ چاغدا ھەزرىتى مۇھەممەد بىلەن ھەزرىتى ئەلى يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى پىچىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ: ”ئەي ئوسمان، كەل! ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ جەننەتكە كىرگىن، ھەقىقەت شۇكى، مەن ساڭا ۋە بارلىق ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن!“دېدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي دەرھال ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدۇم(ئىبنى كەسىر:«ئەلبىدايە»، 7-توم، 327-327-بەتلەر).

ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى قۇرەيش كاتتىلىرىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتتى، ئۇلار ئارىسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. تاغىسى ئۇنى بۇ يولدىن قايتۇرۇشقا كۆپ ئورۇنغان بولسىمۇ نەتىجىسى چىقمىدى. ئۇنىڭغا سالغان دېشۋارچىلىقلىرىمۇ كارغا كەلمىدى. ئاقىۋەت ئانىسى ئۇرۋە بىنتى قۇرەيز ئارىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئىرادىسىدىن يانمىدى.

ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئىززىتىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدىغان ئىككى خىل خۇسۇسىيىتى بار ئىدى:

بىرىنچىسى، ئۇ بەكمۇ ئۇياتچان، ھايالىق، ئەفىف ئىنسان بولۇپ، ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلاش ئېڭى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى. شۇڭلاشقا ئاۋام ئۇنىڭدىن ھايا قىلاتتى، ئەيمىنەتتى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. ھەتتا رەسۇلۇللاھمۇ ئۇ توغرىسىدا: ”پەرىشتىلەرمۇ ھايا قىلىپ، ئەيمىنىدىغان كىشىدىن مەن قانداقمۇ ئەيمەنمەي تۇرالايمەن؟!“ دېگەن. تارىخچى ئىبنى ئەساكىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى ئوسمان ھەققىدە: ”ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇ كىشىگە ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك“ دېگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇ ئىنتايىن مەرد،

قولى ئوچۇق، سېخى كىشى ئىدى. قولى ئوچۇقلۇقتا قۇرەيشلەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا يېتىدىغىنى يوق ئىدى.

ھەزرىتى ئوسمان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى رۇقىيەگە ئۆيلەنگەن. رۇقىيە ئۇنىڭدىن ئابدۇللا ئىسىملىك بىر بالا تۇغقان، ئەمما ئۇ بالا ئالتە يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.

قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەتنى كۈچەيتكەن ۋاقتىدا ھەزرىتى ئوسمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ، ئايالى بىلەن بىللە بىرىنچى قېتىم ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلارغا قوشۇلغان، لېكىن ئۇزاق تۇرمايلا مەككىگە يېنىپ كەلگەن. يەنە كۆپ ئۆتمەيلا ئىككىنچى قېتىم ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان.

”ئەقەبە بەيئىتى“دىن كېيىن مۇسۇلمانلار مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا باشلىغاندا، بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئوسمان ئايالى بىلەن مەدىنىگە قايتىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا مەشھۇر ”بەدر غازىتى“ بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئوسمان ئىبنى ئەففان قاتنىشالمىغان. چۈنكى ئايالى رۇقىيە ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن مەدىنىدە قېلىپ قالغان. شۇنداق بولۇشىغا باقماي رۇقىيە ۋاپات بولۇپ، بۇ ئىش ھەزرىتى ئوسماننى غەم-قايغۇغا سالغان ئىدى.

كېيىن رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففانغا قىزى ئۇممۇ كۇلسۇمنى بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن ئوسمان ئىبنى ئەففان ”زۇننۇرەيىن“(ئىككى نۇرنىڭ ئىگىسى) دەپ ئاتالغان. بۇ ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك ئىززەت نامىدۇر!

كېيىنچە ھەزرىتى ئوسمان تۆۋەندىكى ئاياللار بىلەن توي قىلغان:

فاتىھە بىنتى غەزۋان: بۇ ئايالدىن ئابدۇللا ئەسغەر تۇغۇلۇپ، كېچىك چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن؛

ئۇممۇ ئامىر بىنتى جۇندۇب: بۇ ئايالدىن ئامىر، خالىد، ئەببان ۋە ئۆمەر قاتارلىق ئوغۇللار تۇغۇلغان؛

فاتىمە بىنتى ۋەلىد ئەل مەھزۇمىييە: بۇ ئايالدىن سەئد، ۋەلىد ۋە ئۇممۇ سەئد قاتارلىق پەرزەنتلەر تۇغۇلغان؛

ئۇممۇ بەنىن بىنتى ئۇيەينە ئىبنى ھىسن: بۇ ئايالدىن ئابدۇلمەلىك تۇغۇلۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن؛

راملە بىنتى شەيبە ئىبنى رابىئە: بۇ ئايالدىن ئائىشە، ئۇممۇ ئەببان ۋە ئۇممۇ ئامىر ئىسىملىك ئۈچ قىز تۇغۇلغان، بۇ ئايالدىن ئوغلى يوق ئىدى؛

نائىلە بىنتى ئەلفەراسىفە: بۇ ئايالدىن مەريەم تۇغۇلغان.

دېمەككى، ھەزرىتى ئوسمان ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، سەككىز ئايالغا ئۆيلەنگەن. ئۇ شېھىت قىلىنغاندا يېنىدا ئۇممۇ بەنىن، فاتىھە ۋە نائىلە قاتارلىق ئۈچ ئايالى بار ئىدى(ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە»، 7-توم، 351-352-بەتلەر).

ھەزرىتى ئوسماننىڭ جەمئىي توققۇز ئوغلى بولغان ئىدى. ئۇلاردىن ئابدۇللا، ئابدۇللا ئەسغەر ۋە ئابدۇلمەلىك قاتارلىقلار كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئامىر، خالىد، ئەببان، ئۆمەر، ۋەلىد ۋە سەئد قاتارلىق ئالتىسى ياشىغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەريەم، ئۇممۇ سەئد، ئائىشە، ئۇممۇ ئەببان، ئۇممۇ ئامىر ۋە كىچىك مەريەم قاتارلىق ئالتە قىزى بولغان.

ھىجرىيە 6-يىلى رەسۇلۇللاھ بىر تۈركۈم ساھابىلەرنى باشلاپ ھەج قىلىشقا كەلگەندە، قۇرەيشلەر ئۇلارنى ئۇرۇشقا كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ مەككىگە كىرىشتىن توسقان، بەزىلىرى قوشۇلغان بولسىمۇ، بەزىلىرى جاھىللىق قىلغان. رەسۇلۇللاھ مەسىلىنى ئەلچى ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولۇپ، ھەزرىتى ئۆمەرنى ئەۋەتمەكچى بولغاندا، ئۇ: ”مەن بارسام، ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، چۈنكى مەن ئۇلارغا ئىلگىرى قاتتىق مۇئامىلە قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەنى ئادىي جەمەتىدىن مېنى قوغدىغۇدەك ئادەم يوق“ دەپ ئۆزرە ئېيتىپ، ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففاننى كۆرسەتكەن، ھەزرىتى ئوسمان قۇرەيش كاتتىلىرى بىلەن رەسۇلۇللاھ دېگەن ئۇسۇلدا كۆرۈشكەندە، ئۇلار: ”سەن كەئبىنى تاۋاپ قىلساڭ مەيلى، ساڭا بىر نەرسە دېمەيمىز، ئەمما سەندىن باشقىسىغا ھەرگىز يول قويمايمىز“ دېيىشكەن. ئوسمان ئىبنى ئەففان: ”رەسۇلۇللاھ ھەج قىلماي تۇرۇپ، مەن تاۋاپ قىلمايمەن“ دەپ قوشۇلمىغان. ئوسمان بىلەن قۇرەيشلەرنىڭ سۆھبىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، مۇسۇلمانلار تىت-تىت بولغان ۋە قۇرەيشلەرنىڭ ئۇنىڭغا بىر يامانلىق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەشكەن، ھەتتا رەسۇلۇللاھ: ”ئۇنىڭ ئۆچىنى ئالماي تۇرۇپ بۇ يەردىن كېتىشكە بولمايدۇ!“ دەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ پەۋقۇلئاددە بىرەر قوراللىق ۋەقەنىڭ سادىر بولۇپ قېلىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەشھۇر ”رىزۋان بەيئىتى“نى قوبۇل قىلغان. مانا بۇ قېتىملىق بەيئەت بىر ئادەم — ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان ئۈچۈن ئېلىنغان مەشھۇر بەيئەت ئىدى. مانا بۇ— ئىسلام دىنىدىكى شەخسنىڭ قەدەرىيىتى ئىدى. رەسۇلۇللاھقا بارلىق ساھابىلەر بەيئەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى بىر–بىرىگە تۇتاشتۇرغان(بۇ ھەزرىتى ئوسماننىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتەتتى). بۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى (ئىبنۇل ئەسىر:«ئەلكامىل» 2-جىلد، 188-189-بەتلەر).

ئىمام بۇخارىي «سەھىھۇلبۇخارى»دا ھەزرىتى ئوسمان ۋاپات بولۇپ خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بولۇپ ئۆتكەن بىر دىئالوگنى مۇنداق نەقىل كەلتۈرىدۇ:

مىسىر خەلقىدىن بىر كىشى ھەجگە كەلگەنىدى، ئۇ چەتتە ئولتۇرغان بىر توپ كىشىنى كۆردى. كىشىلەردىن:

−بۇلار كىم؟−دەپ سورىدى، كىشىلەر:

−ئۇلار قۇرەيشلەر،−دەپ جاۋاب بەردى، مىسىرلىق:

−ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان ئاۋۇ ياشانغان كىشى كىم بولىدۇ؟− دەپ سورىدى. ئۇنىڭغا:

−ئۇ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللا،−دېيىشتى. مىسىرلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ:

−ئى ئىبنى ئۆمەر! سەندىن بىر نەرسىنى سورىماقچىمەن. ماڭا ئېنىق جاۋاب بەرگىن! سەن ئۇھۇد كۈنى ھەزرىتى ئوسماننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسەن؟−دەپ سورىدى، ئابدۇللا:

−ھەئە، بىلىمەن،−دېدى. مىسىرلىق يەنە:

−بەدر كۈنى ئۇرۇشقا چىقمىغانلىقىنى بىلەمسەن؟−دەپ سورىدى. ئابدۇللامۇ:

−ھەئە، بۇنىمۇ بىلىمەن،−دېدى، مىسىرلىق ئۈچىنچى قېتىم:

−ئۇنداقتا رىزۋان بەيئىتىدە ئۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەمسەن؟−دەپ سورىدى، ئابدۇللا:

−شۇنداق، ئۇنىمۇ بىلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان مىسىرلىق ھەزرىتى ئوسماننى زاڭلىق قىلغاندەك ھىجىيىپ تۇرۇپ:

−ئەلھەمدۇلىللاھ!−دېدى. ئۇنىڭ غەرىزىنى ئۇققان ئابدۇللا ھەزرىتى ئوسمان ھەققىدىكى شۈبھىلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا:

−مەن ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى دەپ بېرەي! ئۇھۇد كۈنىدىكى ئىشنى ئېلىپ ئېيتساق، مەن ساڭا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى كەچۈردى ۋە مەغپىرەت قىلدى.

بەدر غازىتىغا قاتنىشالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى رۇقىيە ئۇنىڭ نىكاھىدا ئىدى. ئۇرۇش كۈنلىرى رۇقىيە ئېغىر كېسەل تارتىپ يېتىپ قالدى. ھەزرىتى ئوسمان رۇقىيەگە قاراش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازىتى بىلەن شەھەردە قېلىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ”سېنىڭ ساۋابىڭ غازاتقا قاتناشقانلار بىلەن ئوخشاش ھەم غەنىيمەتلەردە سېنىڭمۇ ئۈلۈشۈڭ بار“ دەپ ئۇنىڭغا رازىلىق بەرگەنىدى.

ئەمدى رىزۋان بەيئىتىگە كەلسەك، ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ ئەزىز بىرى بولغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنى ئەۋەتكەن بولاتتى. ئەمما باشقا بىرى بولمىغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئوسماننى ئەۋەتتى. بۇ بەيئەت ئىشى ھەزرىتى ئوسمان مەككىگە كەتكەندىن كېيىن بولغان ئىدى. بەيئەتنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ”مانا بۇ ئوسماننىڭ قولىدۇر! “دەپ سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە: ”بۇ ئوسماننىڭ بەيئىتىدۇر!“ دېگەنىدى.

ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، مىسىرلىققا قاراپ:

−ئەمدى سەن بېرىپ بۇ ئىشلارنى خالىغان ئادىمىڭگە ئېيتىپ بەرگىن!−دېگەن(ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە»؛ 7-جىلد؛ 334-335-بەتلەر).

رەسۇلۇللاھ تەبۇك جېڭىغا چىقماقچى بولغاندا، كىشىلەر نامرات بولغانلىقتىن كۈنلىرى قىيىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھاجىرلاردىن 30 مىڭ كىشىنى تولۇق قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن ئىئانىگە چاقىرغاندا، ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پۈتۈن قوشۇننى ئۆزى يالغۇز قوراللاندۇرغان؛ قوشۇندا ھېچبىر نەرسىنى كەم قىلمىغان. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ 950 تۆگە، 50 ئات ۋە مىڭ دىنار(تىللا) قويغانلىقى نەقىل قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇنداق پىداكارانە سېخىلىقىدىن مەمنۇن بولغان ئىدى. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئوسماندىن ھەر ۋاقىت رازىمەن ئىدى.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىنىڭ كاتىپى دەرىجىسىدە ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە بولسا خەلىپىدىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدىغان ئىككىنچى چوڭ ھوقۇق ئىگىسى ئىدى(ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە»؛ 7-توم؛ 327-328-بەتلەر).

ئۇنىڭ سېخىيلىقى توغرىسىدا شۇنداقمۇ بىر رىۋايەت بار: ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى زامانىسىدا قەھەتچىلىك بولىدۇ، يامغۇر ياغمايدۇ، كىشىلەر چارە ئىزدەپ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىگە ھال ئېيتىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى چارە تېپىۋاتقان بولسىمۇ بىردىنبىر ئارزۇيى ھەزرىتى ئوسماننىڭ كارۋىنىدا ئىدى. ھەزرىتى ئوسماننىڭ كارۋىنى كېلىپ تۇرۇشىغىلا سودىگەرلەر ماللارنى يۇقىرى پايدا بىلەن سېتىۋالماقچى بولۇشىدۇ: ئىككى ھەسسە، ھەتتا بەش ھەسسە! ئوسمان: ”بۇ ماللارنى سىلەر ئون ھەسسە باھادا ئالالامسىلەر؟ ھالبۇكى شۇنداق باھادا ئالىدىغانلار بار“ دەيدۇ. سودىگەرلەر شۇنداق سورىشىدۇ:

−مەدىنىدە بىزدىن باشقا سودىگەرلەر بولمىسا؟!

−ئاللاھ ماڭا ھەر دىرھەم ئۈچۈن ماڭا ئون ھەسسە ئارتۇق بېرىشنى ۋەدە قىلدى (سۈرە«ئەنئام»، 160-ئايەت). سىلەر ماڭا شۇنچىلىك نەپ بېرەلەمسىلەر؟−دېدى ھەزرىتى ئوسمان.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن كارۋاننى پۇقرالارغا تارقىتىۋەتتى.

ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان دائىم قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، قۇرئانغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان ئادەم ئىدى. ئوسمان ئىبنى ئەففاندىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:”سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر“(ئىمام ئەھمەد «مۇسنەدى ئەھمەد»دە زىكىر قىلغان).

ھەزرىتى ئوسمان ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئەمرى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىككە تەيىنلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى يارلىقنى يازغانىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە كىشىلەر بىر نەرسە سورىماقچى بولسا ئاۋۋال ھەزرىتى ئوسماندىن سورايتتى. خەلقلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىنىشى، ھىجرىيە تارىخىنىڭ مۇھەررەم ئېيىدىن باشلىنىشى قاتارلىق پىكىرلەرنى تۇنجى بولۇپ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ كەسكىن، قوپال مىجەزىنى ھەزرىتى ئوسماننىڭ مۇلايىملىقى تەڭشەپ تۇراتتى. شۇڭا بۇ دەۋردە دۆلەت رەھبەرلىكىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك ھەزرىتى ئۆمەر ۋاپات بولۇش ئالدىدا خەلىپە كېڭەش ئەزالىرىنى بېكىتىپ ۋاپات بولغانىدى، كېيىن بۇ كېڭەش ئەستايىدىل قارار چىقىرىش ئارقىلىق ھەزرىتى ئوسماننى خەلىپىلىككە سايلىدى. بۇ جەرياندا مەلۇم بەھس-مۇنازىرە بولغان بولسىمۇ، لېكىن جېدەل چىقماي خەلق رازىلىقى بىلەن ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان خەلىپە بولغانىدى. كىشىلەر ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففانغا بەيئەت قىلغان ۋاقىت−ھىجرىيە 5-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى.

ھەزرىتى ئوسمان خەلىپە بولغان دەۋردىكى ۋالىيلار تىزىملىكى:

مەككە ۋالىيسى: نافىئ ئىبنى ئابدۇلھارىس ئەلخۇزەي؛

تائىف ۋالىيسى: سۇفيان ئىبنى ئابدۇللا ئەسسەقەفىي؛

سەنئا ۋالىيسى: يەئلا ئىبنى مۇنەببىھ؛

جەنەد ۋالىيسى: ئابدۇللا ئىبنى ئەبۇ رابىئە ئەلمەھزۇمى؛

كۇفە ۋالىيسى: مۇغىيرە ئىبنى شەئبە ئەسسەقەفىي؛

بەسرە ۋالىيسى: ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى؛

شام ۋالىيسى: مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان؛

ھىمىس ۋالىيسى: ئۇمەير ئىبنى سەئد؛

مىسىر ۋالىيسى: ئەمرۇ ئىبنى ئاس؛

بەھرەين ۋالىيسى: ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس.( ئىبنۇل ئەسىر: «ئەلكامىل»؛ 3-توم؛ 82-بەت).

ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدىمۇ مۇسۇلمانلار سىرتقا قارىتا فەتھىلەرنى ئېلىپ باردى. شام ۋالىيسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان ۋىزانتىيىلىكلەر ئۈستىدىن ئۇرۇش قىلىپ تاكى ئاممۇرىيە(ئەنقەرەگە توغرا كېلىدۇ) دېگەن يەرلەرگىچە باردى. مۇسۇلمانلار بۇ ئون يىل جەريانىدا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز بويىچە يۈرۈشىنى داۋام قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ئىككى يىلغا كەلگەندە پىتنە ئاۋۇپ كەتتى؛ يېڭىدىن قوشۇلغان چېگرا رايونلاردىكى ئاھالىلەر ئىلگىرىكى سەلتەنەتلىرىنى سېغىنىپ ياكى بەزى يامان غەرەزلىك ئادەملەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن مۇسۇلمانلارغا ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى باھانە قىلىپ توپىلاڭ كۆتۈرەتتى، كېلىشىملەرگە قارشى چىقاتتى. بۇ ھال ھەر جايدا مەلۇم ئەسكىرى كۈچنى قالدۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلاتتى.

ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب زامانىسىدا مۇسۇلمانلار دېڭىز ئۇرۇشى قىلالمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن غەربىي سەپتە، يەنى ۋىزانتىيىلىكلەرگە قارشى سەپتە پەقەت قۇرۇقلۇقتىلا جەڭ قىلغان ئىدى، ھەزرىتى ئوسمان مەلۇم ئىسيان سەۋەبلىرى ۋە قوماندانلارنىڭ تەلىپى بىلەن دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىشقا ئىجازەت بېرىدۇ؛ ھەمدە قوماندانلارنى مەجبۇرىي ئەمەس، خالىغان ئەسكەرنى كېمىگە چىقىرىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلار بۇ ئۇرۇشلاردىمۇ ئىسلام تېررىتورىيىسى ئىچىگە يېڭى زېمىنلارنى قوشىدۇ. بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئىچىدە دۈشمەن فلوتى كۈچلۈك، ھەتتا ئىمپېراتور كونستانتان ئۆزى قوماندانلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئۇلارنى مەغلۇب قىلىدۇ.

شەرقىي سەپتە بولسا ئوخشاشلا ئىسيانلارنى باستۇرۇش بىلەن بىللە، مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە، ئافغانىستاننىڭ كابۇل، سىينا دەرياسى ۋادىلىرىغا قەدەر يۈرۈش قىلدى. خۇراساندىكى نەچچە قېتىملىق ئىسياننى تازىلىدى. يېڭى رايونلاردىن سپروس، ئافرىقا، ئەرمىنىيە قاتارلىق يېڭى تۇپراقلار ئىسلام تېررىتورىيىسىگە قوشۇلدى. شۇنداقلا سىنىد رايونى، كابۇل، فەرغانە شەھەرلىرىمۇ بۇ زېمىنغا قوشۇلدى (ئىبنۇل ئەسىر: «ئەلكامىل»؛ 3-توم؛ 114-138-بەتلەر).

گەرچە تارىخچىلار ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىنى بەك يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ ئۇنىڭ قاتتىق قول باشقۇرۇشىدىن مەلۇم دەرىجىدە زېرىككەنلىكىنى يوشۇرۇش تەس. ھەزرىتى ئوسمان بۇ جەھەتتە كەڭچىلىكنى يولغا قويغان، شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولۇشقان. ئۇ ئىش بىجىرگەندىمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيتتى. مېھرىبان ئىدى. قول ئاستىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا خالىغان گەپلىرىنى دېيەلەيتتى.

ھەزرىتى ئوسماننىڭ ھەزرىتى ئۆمەرگە سېلىشتۇرما ھالدا ئىنتايىن مېھرىبان بولۇشى دىققەتكە سازاۋەر. ھەزرىتى ئۆمەر قاتتىق قول، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكنى كۆپ قىلغان؛ ئوسمان ئاق كۆڭۈل، سىرتتىن كىرگەن غەنىيمەت ۋە مال-دۇنيانى ئۇدۇللۇق خەلققە ساخاۋەت قىلىپ تۇرغان. ھەتتا ئۇ ئۆزىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئادەملەرنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى؛ بۇنى بىلگەن يېڭىدىن قوشۇلغان رايونلاردىكى خەلقلەر ۋالىيلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا تەلىپىگە ئاساسەن ئالماشتۇراتتى. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ كېتەتتى. مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنى تارقىتىش قىزغىنلىقى بىلەن ئالدىنقى جەڭ سەپلىرىدە كۆپلىگەن ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزەتتى؛ مەدىنىدە كۆپ قوشۇن قالمايتتى؛ ئۇلار دالىلاردا، چېگرا رايونلاردا بولاتتى. ھەتتا مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ئازلاپ، ھەرقايسى ئېقىم، ھەر قايسى تەبىقىلەر بىرلىكتە ياشايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى، بۇنداق ئەھۋالدا سىرتقى قىياپەتتىن مۇسۇلماندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچىدە غۇم ساقلايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. نىيىتى بۇزۇق بەزى گۇرۇھلارمۇ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. يەھۇدىي سۇيىقەستچى ئابدۇللا ئىبنى سەبەئ تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ، رەسۇلۇللاھنىڭمۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشكىنىدەك مەككىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋالىي تەيىنلەيدىغانلىقى(ۋالىيلارنىڭ كۆپى ئۆمەر ۋاقتىدا تەيىنلەنگەنلەر ئىدى)، ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە تېخىمۇ لايىق ئىكەنلىكى...ۋاھاكازالار ھەققىدە تەشۋىق-تەرغىبات ئېلىپ باراتتى؛ ھېلى كۇفەدە، بەسرەدە، شامدا يۈرەتتى. گاھىلار قارشى ئالسا، گاھى خەلق قوغلايتتى. ئاقىۋەت ئۆكتىچىلەر ئىسلام ئىمپېرىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ياكى ئۆتمۈشىنى ئويلىغۇچىلار ئۈچۈن بۇ بىر باھانە بولدى. ئاقىۋەت ئۇلار پىلانلىق تەشكىللەندى، بىرلا ۋاقىتتا بەسرە، كۇفە، مىسىرلاردىن ھەج ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىللە يولغا چىقتى. بۇنى ئۇلار بىلىشمەيتتى. مەدىنىگە ئازلا قالغاندا، مۇسۇلمانلار بۇنى سېزىپ چوڭ ساھابىلەر قارشى تۇرغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشتى. ئىسلامغا، خەلىپىگە شەرتسىز بويسۇنىدىغانلىقىنى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەلى قاتارلىق چوڭ ساھابىلەر ئەنسىرىگۈدەك ئىش قالمىدى، دەپ مەدىنىگە قايتىشتى. لېكىن ھاڭ-تاڭلىقتا شۇنى كۆردىكى، ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ ئۆيى قورشىۋېلىنغان ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى ئۇلارنىڭ نېمىشقا قايتمىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار ھىيلە ئىشلىتىپ بوھتان ئويلاشتى: ”بىزغۇ كېتەتتۇق، لېكىن خەلىپە مىسىرغا خەت يېزىپ بىزنىڭ بېرىشىمىز ھامان ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئېيتىپتۇ“ دېيىشتى ھەمدە ئۇنىڭ نامىدىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان يالغان خەتنى ھەزرىتى ئەلىگە كۆرسىتىشتى... ئۇلار بۇنى باھانە قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئامالسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھەزرىتى ئوسمانغا بولغان قورشاۋنى كۈچەيتكەن ئىدى. لېكىن ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىماملىقىنى داۋاملاشتۇرالايتتى. ئۇنى قوغدايدىغان قوشۇن مىسىر، كۇفە...لەردىن كېلىۋاتاتتى. بىر جۈمە كۈنى ئۇ خۇتبە ئوقۇپ، ئاسىيلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، بىر ئادەم ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆز ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن مۇنازىرە قىلىشىپ، ھەزرىتى ئوسمانغىمۇ تاش ئاتتى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى. ئۇ ئەنە شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەن قاتارلىقلارغا قورال ئىشلەتمەسلىكنى تاپىلىغان ئىدى. ئۇ شۇ پېتى تاكى شېھىت قىلىنغانغا قەدەر ئۆيدىن چىقمىدى، ھەتتا ئۇلار ئۇنىڭغا سۇ ئەكىرىۋېلىشقىمۇ رۇخسەت قىلمىغان ئىدى، ئاسىي قوشۇنلار مىسىرلىق ئەل غەفىقى ئىبنى ھارىب ئەل كەئكىنى ئاتالمىش ئىمام قىلىۋالغانىدى.

ئاسىيلارنى تازىلاش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار قوشۇنى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئۆكتىچىلەر سەل جىددىيلەشتى. ھەزرىتى ئوسماننى تېخىمۇ قاتتىق تۇتۇشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ئىنتايىن قاتتىق كۈن بولسىمۇ، ئۇ ھەسەن ئىبنى ئەلى قاتارلىق ياشلارنى قاتتىقلىق قىلماسلىققا بۇيرۇيتتى. ئۆكتىچىلەرگە نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ كارى بولمايتتى. ئاقىۋەت چوڭ قوشۇننىڭ ۋادى قۇراغا يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن ئاسىيلار سۇيىقەستىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆيىگە كىرەلمەي، ئىشىكىگە ئوت قويۇۋەتتى، ھەسەن ئىبنى ئەلى، ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير، مۇھەممەد ئىبنى تەلھە، مەرۋان ئىبنى ھاكەم، سەئىد قاتارلىق ياشلار ئۇلارنى توسۇۋالدى. ئاسىيلار شۇنداق ئەسەبىيلەشكەن ھالەتتىمۇ، ھەزرىتى ئوسمان قوغدىغۇچىلارغا قايتا-قايتا قاتتىق ۋاسىتە ئىشلەتمەسلىكنى جىكىلەيتتى. ھەزرىتى ئوسمانغا بولغان ھۆرمىتى تۈپەيلى ئۇلار ئامالسىزلىقتىن قوراللىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدى. ۋەھشىيلەشكەن ئاسىيلار خەلىپىگە يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، بەدبەخ ئەل غەفىقى ئىبنى ھارىب ئەلكەئكى ھەزرىتى ئوسماننىڭ بېشىغا تۆمۈر پارچىسى بىلەن بىرنى سېلىپ شېھىت قىلدى. ھەزرىتى ئوسماننى قوغداش ئۈچۈن ئېتىلىپ كەلگەن ئايالى نائىلەنىڭمۇ بارماقلىرى كېسىۋېتىلدى... بەزى مەنبەلەردە ھەزرىتى ئوسماننى ئاسىي ئامىر ئىبنى ئەلئەخمەق قەتلى قىلغان دېيىلىدۇ... كېيىن ئوسماننىڭ ئۆيى تالان-تاراج قىلىندى.

تۆت توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرىيە 35-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 18-كۈنى شېھىت قىلىندى، بۇ چاغدا ئۇ 82 ياشتا ئىدى. ئابدۇللا ئىبنى فەرۇخ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”ئوسمان ئىبنى ئەففان شېھىت قىلىنىپ قانلىق ئۆز كىيىمى بىلەنلا دەپنە قىلىنغان، يۇيۇلمىغان“(ئىمام ئەھمەد «مۇسنەدى ئەھمەد»تە زىكىر قىلغان). ئۇ جەمئىي ئون ئىككى يىل خەلىپىلىك قىلغان.

مەشھۇر ئۇرۇمە قۇدۇقىنى ئۆز پۇلىغا سېتىۋېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان، قۇرئاننى تۇنجى بولۇپ بۈگۈنكىدەك مۇكەممەل شەكىلدە جەملەپ، تۈپلىگەن، جامائەت كۆپىيىپ مەسچىتكە پاتماي قالغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن مەسچىتنى كېڭەيتىپ سالغان ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ سېخىيلىقى، پەۋقۇلئاددە ھايالىق ۋە كەمتەر ئىكەنلىكى، مىسلىسىز ئاق كۆڭۈل زات بولغانلىقى، قۇرئاننى كۆپ ئوقۇيدىغانلىقى ۋە پاك-ئەفىف بولغانلىقى بىلەن مەڭگۈ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلب دۇنياسىدا ھۆكۈمرانلاردىن بولالايدۇ!

(«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىدىن)

يەنە >>سۈرەتلەر