باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

سەپەر قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-06-22   

ئامانۇللا ھىزبۇللا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

سەپەر قىلىش ئىنسان ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئىنسان بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە مەۋجۇتلا بولۇپ تۇرىدىكەن سەپەر قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. سەپەر ھاياتلىققا نىسبەتەن زۆرۈردۇر. ھەج، ئۆمرە، بىلىم ئېلىش، تىجارەت، سودا-سېتىق، ئىلىم-سېتىم، قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا يوقلىشىش، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قاتارلىقلار سەپەر قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە سەپەر ھەققىدە ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئېيتقىنكى، سىلەر زېمىننى كېزىپ، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىگە قاراپ بېقىڭلار. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەتتە قايتا پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر“{سۈرە«ئەنكەبۇت»(29-سۈرە)، 20-ئايەت}. دېمەك، سەپەر قىلغاندا نۇرغۇن ئىبرەت ۋە ھېكمەتلەرگە ئېرىشكىلى، ئاللاھنىڭ ھەرخىل مۆجىزىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىنساننىڭ ئىمانىنى، ئېتىقادىنى ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا پايدىسى بار. ھەدىسلەردىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلىش، قايسى كۈنى سەپەر قىلىش، سەپەردە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش، سەپەرگە ماڭغاندا، سەپەردىن قايتقاندا قانداق قىلىش قاتارلىق سەپەر قىلغۇچى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەربىر ئىش ئۈستىدە قىممەتلىك ھەدىسلەرنى قالدۇرغان. ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىزمۇ سەپەر قىلىشنى، يۇرت كېزىپ جاھان كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەجدادلىرىمىز ”پىشاي دېسەڭ سەپەر قىل“، ”ئادەمنىڭ ياخشىسى سەپەردە بىلىنەر“ دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرغان. دېمەك، سەپەردىن كۆپلىگەن تەجرىبە-ساۋاق ۋە ئىبرەت-ھېكمەتلەر ھاسىل بولىدۇ. بىز سەپەر قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نېمە تەجرىبىلەرگە، نېمە پايدىلارغا ئىگە بولغىنىمىزنى ھېس قىلالمىساقمۇ، ئۇ بىزگە ئۆزىمىز ھېس قىلالمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ ئېڭىمىزدا ساقلانغان، ئەمما ئۆزىمىز بىلەلمىگەن، ھېس قىلالمىغان بىلىم-ھېكمەت بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئاشۇ كۆرگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئەسقاتىدۇ. ھەرىكەت ۋە تىرىشىش ئىنساننى تاۋلايدۇ. ئىسلام دىنىمىز ھەربىر مۇسۇلمان كىشىگە ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھاياتىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ ھەربىر ئىشىدا رىئايە قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان ئەدەپ-قائىدىلەرنى بېكىتىپ بەرگەن. سەپەر توغرىسىدىكى ئەدەپ-قائىدىلەرمۇ ئاشۇلارنىڭ بىر تۈرىدۇر. شۇڭلاشقا مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ سەپىرىنى، ئىسلام كۆرسەتكەن ئەدەپ-قائىدىلەر بويىچە ئادا قىلىشى، ئاشۇ قائىدىلەرنى ئۆگىنىپ قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە مۇكەممەل ھالىتىدە ئىجرا قىلىشقا تىرىشىشى زۆرۈردۇر.

ئىنسان ئۆزىنىڭ قەيەردە تۇغۇلۇپ قەيەردە ۋاپات بولۇشىنى، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ھالى بىلەن ئەتىكى ھالى ئوتتۇرىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن سەپەرگە مېڭىشتىن بۇرۇن پۇختا تەييارلىق قىلىشى، ئىش-پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم. دائىم سەپىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئەگەر بۇ سەپىرىم ئاخىرقى سەپىرىم بولۇپ قالسىچۇ؟ دېگەندەك كۆزقاراشتا بولۇشى كېرەك ھەمدە تۆۋەندىكى ئەدەپلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

1.سەپەرگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئىستىغپار نامىزى ئوقۇشى، سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىشى كېرەك.

2.ئۆز ئۈستىدە ئامانەت ياكى باشقىلارغا قەرزى بولسا ئادا قىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك، چۈنكى سەپەردە ھەرخىل خەتەر ئېھتىماللىقى بار.

3.ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئايالى، بالىچاقىسى، ئاتا-ئانىسىغا يېتەرلىك راسخوت قالدۇرۇشى كېرەك.

4.ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن خوشلىشىشى ۋە ئۇلارغا: ”سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى، ئەمەل ئىبادىتىڭلارنى ۋە بارلىق ئىشلىرىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم“ دەپ ياخشى دۇئالارنى قىلىشى، ئۇلارمۇ(ئۇزاتقۇچىلارمۇ): ”ئاللاھ ساڭا تەقۋالىقنى ئوزۇق قىلىپ بەرسۇن، گۇناھىڭنى كەچۈرسۇن، بارغانلا يېرىڭدە ياخشىلىققا ئېرىشتۈرسۇن“ دەپ ئىشلىرىغا ئاسانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قويۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇزاتقان كىشىگە: ”دىنىڭنى، مال-دۇنيايىڭنى، ئەمەلىڭنىڭ خاتىمىسىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم“ دەيتتى(ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

5.ئىمكان بولسا سەپەرگە ھەمراھ ئېلىۋىلىش كېرەك. چۈنكى ئىككى-ئۈچ ئادەم بىللە سەپەر قىلسا بىر-بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كۆزىتىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ھەرخىل گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ۋە خەتەرگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىر يولۇچى بىر شەيتان، ئىككى يولۇچى ئىككى شەيتان، ئۈچ يولۇچى كارۋاندۇر (يولۇچىدۇر)“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

6.ئەگەر كۆپرەك ئادەم بىللە سەپەرگە چىققان بولسا ئۆزئارا كېڭىشىش ئارقىلىق زېرەك، قابىلىيەتلىك، تەشكىللەش ئىقتىدارى بار، ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى چاغلىيالايدىغان بىرىنى ئۆزلىرىگە رەھبەر، باشلىق قىلىپ سايلىشى كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئەگەر ئۈچ ئادەم سەپەرگە چىقسا بىرنى ئۆزئارا باشلىق سايلىۋالسۇن“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

 7.ئۆيدىن ئايرىلغان ۋاقتىدا: ”بِسْمِ اللهِ, تَوَكَّلْتُ عَلَى اللهِ, وَلاَ حَولَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللهِ,  اَللَّهُمَّ إِنِّي أ َعُوذُ بِكَ أَنْ أَضِلَّ أَو أُضَلَّ أَو أَزِلَّ أَو أُزَلَّ أَو أَظْلِمَ أَو أُظْلَمَ, أَو أَجْهَلَ أَو يُجْهَلَ عَلَيَّ (بىسمىللاھى تەۋەككەلتۇ ئەلەللاھى، ۋەلا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھى، ئاللاھۇممە ئىننى ئەئۇزۇبىكە، ئەن ئەدىللە ئەۋ ئۇدەللە، ئەۋ ئەزىللە ئەۋ ئۇزەللە، ئەۋ ئەزلىمە ئەۋ ئۇزلەمە، ئەۋئەجھەلە ئەۋ يۇجھەلە ئەلەييە)‹يەنى: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز كۈچ-قۇۋۋەت يوق، ئى ئاللاھ ساڭا سىغىنىپ ئېزىپ كېتىشتىن ياكى ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن، خاتالىشىشتىن ياكى خاتالاشتۇرۇشتىن، بىلمەي قېلىش ياكى باشقىلارنىڭ ماڭا نادانلىق قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن›“ دېيىش كېرەك.

8.ئۇلاغ ياكى ماشىنا، موتوسىكلىت، ئايروپىلان، پويىز ۋە پاراخوت دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن سەپەر قىلماقچى بولسا ئۇلارغا چىقىش ئالدىدا ياكى چىقىپ بولغاندا: ”بىسمىللاھى ۋاللاھۇ ئەكبەر، تەۋەككەلتۇ ئەلەللاھى“نى دېيىش لازىم. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ تۆگىسىگە مىنىپ بولۇپ، ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىپ، كەينىدىن: ”بِسْمِ اللهِ وَاللهُ أَكْبَرُ, تَوَكَّلْتُ عَلَي اللهِ, لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللهِ العَلِيِّ العَظِيمِ, مَا شَاءَ اللهُ كَانَ وَمَا لَمْ يَشَأْ لَمْ يَكُنْ, سُبْحَانَ الذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِيْنَ وَ إِنَّا إِلَي رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ (بىسمىللاھى، ۋاللاھۇ ئەكبەر، تەۋەككەلتۇ ئەلەللاھى، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھىل ئەلىييۇل ئەزىم، ماشا ئاللاھۇ كانەۋەمالەم يەشەئ لەم يەكۈن، سۇبھانەللەزى سەخخەرە لەنا ھازا، ۋەما كۇننا لەھۇ مۇقرىنىن ۋەئىننا ئىلە رەببىنا لەمۇنقەلىبۇن) ‹تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. ئاللاھ بۈيۈكتۇر . ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز كۈچ-قۇۋۋەت يوق. ئاللاھ خالىغان ئىش بولىدۇ. خالىمىغان ئىش بولمايدۇ. ’بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا چىقىشقا ۋە مىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز‘›{سۈرە«زۇخرۇف»(43-سۈرە)، 13-، 14-ئايەت} دېگەن“.

9.سەپەرگە پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چىقىش ياخشى دەپ قارىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئى ئاللاھ مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئەتىگەندىكى ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت بەرگىن“(تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەپەرگە پەيشەنبە كۈنى چىقىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: ”رەسۇلۇللاھ تەبۈك جېڭىغا پەيشەنبە كۈنى چىققان. رەسۇلۇللاھ سەپەرگە پەيشەنبە كۈنى چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى“ دەيدۇ(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

يەنە بىر رىۋايەتتە: ”رەسۇلۇللاھ كۆپىنچە پەيشەنبە كۈنى سەپەرگە چىقاتتى دېيىلگەن“. دېمەك، ھەدىس مەزمۇنىدىن پەيشەنبە كۈنى سەپەر قىلىشنىڭ ياخشىلىقىنى، پەيشەنبە بولماي باشقا كۈنلىرى بولسىمۇ ئەتىگەن تەرەپتە چىقىشنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز. چۈنكى ئەتتىگەندە كىشى تېتىك، روھلۇق بولىدۇ. ئىش ئاۋۇيدۇ، پايدا كۆپىيىدۇ، بەرىكەتلىك بولىدۇ.

10.ئېگىزلىكلەرگە چىققاندا تەكبىر ئېيتىش، ئويمانلىقلارغا چۈشكەندە تەسبىھ ئېيتىش كېرەك. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: ”ئەگەر بىز ئېگىزلىكلەرگە چىقساق ئاللاھۇ ئەكبەر(ئاللا ھەممىدىن ئۇلۇغ) دەيتتۇق. پەسكە چۈشسەك سۇبھاناللاھ(ئاللاھ پاكتۇر) دەيتتۇق“ دەيدۇ(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

11.سەپەردە كۆپ دۇئا قىلىش كېرەك. چۈنكى مۇساپىر ئادەمنىڭ دۇئاسى ناھايىتى تېز ئىجابەت بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئۈچ تۈرلۈك دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىدا شەك يوق. ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى، ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان دۇئاسى“(ئەبۇ داۋۇد ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). دۇئادا ئۆزىگىلا دۇئا قىلماي باشقىلارغىمۇ دۇئا قىلىپ قويۇش، ئائىلىسى، يۇرت خەلقى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىپ قويۇش كېرەك.

12.يولۇچى بىرەر مەنزىلگاھقا چۈشكەندە: ”نۇقسانسىز مۇكەممەل كالامۇللاھقا سىغىنىپ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دەپ دۇئا قىلىشى كېرەك.

كىشى سەپىرىنى تاماملاپ قايتىشقا تەييارلانغاندا تۆۋەندىكى ئەدەپ-قائىدىلەرگە رىئايە قىلسا ياخشى:

1.ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتىشقا ئالدىرىشى لازىم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سەپەر دېگەن بىر تۈرلۈك ئازابتۇر، ئۇ يېيىش-ئىچىشىڭلارغا ۋە ئۇخلىشىڭلارغا كاشىلا بولىدۇ. سەپەرگە چىققان ئادەم مەقسىتى ھاسىل بولغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

2.ئات ئۇلاغ ۋە قاتناش قوراللىرى بىلەن قايتىشنى مەقسەت قىلسا سەپەرنىڭ ئەدەپلىرى قاتارىدا ساناپ ئۆتۈلگەن دۇئانى ئوقۇشى لازىم.

3.قايتىپ ماڭغاندا ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىش ۋە تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇشى لازىم. ”آيِبُونَ، تَائِبُونَ، عَابِدُونَ، لِرَبِّنَا حَامِدُونَ(ئايىبۇنە، تائىبۇنە، ئابىدۇنە، لىرەببىنا ھامىدۇن)‹تەرجىمىسى: بىز قايتقۇچىلارمىز، تەۋبە قىلغۇچىلارمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز، پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلارمىز›“. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق قىلغانىدى(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

4.سەپەردىن قايتىپ كەلگەن كىشى ئائىلىسىگە كۈندۈزى كىرسە ياخشى. ئائىلىسىدىكىلەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇلارغا ئالدىن خەۋەر قىلىپ قويۇشى كېرەك. ئەگەر ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ قويغان بولسا كېچىسى كىرىۋەرسە بولىدۇ.

5.قايتىش جەريانىدا ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئائىلىسىدىكىلەرگە بەزى سوۋغاتلارنى ئېلىۋالغىنى ياخشى.

6.سەپەردىن قايتىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئۆيىگە ئەڭ يېقىن مەسچىتتە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشى ياخشىدۇر. بۇنىڭدىن ھېكمەت شۇكى، سەپەردىن سالامەت قايتىپ كېلىشكە نېسىپ قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىدۇ ھەمدە ئۆز يېرىدا مۇقىم تۇرۇپ ئىبادەتنى باشلىغان بولىدۇ. كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: ”رەسۇلۇللاھ سەپەردىن قايتقاندا ئالدى بىلەن مەسچىتكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى“ دەيدۇ(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئىنساننىڭ ھاياتى سەپەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئىنسان ھېچ قاچان سەپەردىن ئايرىلالمايدۇ. دۇنيادىكى تۈرلۈك ھاجەتلىرى، ئاخىرەت ھاياتىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك كەسىپ، خىزمەت ئۈچۈن سەپەر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ماھىيەتتە، تۇغۇلۇشىمىزدىن ئۆلۈشىمىزگىچە سەپەر ھالىتىدە ياشايمىز. بىز يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن ئەدەپ-قائىدىلەر گەرچە مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزنى سەپەر پائالىيىتى توغرىسىدىكى مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا بىز قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇ ئەدەپ-قائىدىلەرگە رىئايە قىلايلى. ئاللاھ بىزنىڭ ئىشىمىزنى ياخشىلىق ئۈستىدە ۋە ئۆزى رازى بولىدىغان رەۋىشتە ئادا قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن. ئاخىرەت سەپىرىمىزنىڭمۇ ساۋاب ئۈستىدە ۋە ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى)

 

يەنە >>سۈرەتلەر