باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

مۇسۇلمانلارنىڭ سورۇن ۋە سورۇنداشلىرىغا بولغان ئەدەپ-قائىدىلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-27   

ئىسمائىل ياقۇپ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

ئاللاھ ياراتقان بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئىنسانلار بولسۇن ياكى ھايۋانلار بولسۇن، ئۇلار ھاياتلا بولىدىكەن ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا ھەم توپلىشىپ ياشاشقا موھتاج بولىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تائالا بىز مۇئمىن مۇسۇلمانلارغا سورۇن ۋە سورۇنداشلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى بىلدۈرۈپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر(سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: ’ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار‘ دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە(رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە(باشقىلار ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): ’ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار‘ دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتىرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار“{سۈرە«مۇجادەلە»(58-سۈرە)، 11-ئايەت}.

يۇقىرىقى ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى توغرىسىدا قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ ئايەت ئاللاھنى ياد ئېتىش سورۇنلىرى ھەققىدە نازىل بولغان. ئاشۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ بىرى كەلگەنلىكىنى كۆرسە ئورۇنلىرىدىن مىدىرلىمايتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئورۇن چىقىرىپ بېرىشكە بۇيرۇغان“. يەنە قەتادە ۋە مۇقاتىل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ”ئەگەر سىلەرگە(باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): ’ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار‘ دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار“ دېگەن ئايەتنى، ”ئەگەر سىلەر ياخشى ئىشقا چاقىرىلساڭلار شۇ ئىشنى قىلىڭلار ۋە ئەگەر سىلەر نامازغا چاقىرىلساڭلار، ئۇ نامازغا قوپۇڭلار“ دەپ تەپسىر قىلغان («تەپسىرۇلقۇرئانىل ئەزىم»(تەپسىرى ئىبنى كەسىر)، ئەرەبچە نەشرى، 4-قىسىم، 292293-بەت). ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە سورۇننىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى بايان قىلىپ بولۇپلا، ئۇنىڭ ئاخىرىدا: ”ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتىرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار“ دېيىش ئارقىلىق سورۇنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ھەم شۇ سورۇننىڭ مۇنبەرلىرىدە سورۇنداشلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىۋاتقان ئالىم-ئۆلىمالار ۋە مۇتەپەككۇر زىيالىيلارنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگەن. شۇڭا ئۆز ئىلمىگە ئەمەل قىلغان ئالىم-ئۆلىمالارنى ھەرقانداق جايدا ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى يۇقىرى ئورۇندا قويۇشىمىز لازىم. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نافىئ ئىبنى ئابدۇھارىسنى مەككە(شەھىرى)گە ئورۇنباسار قىلىپ بېكىتتى. ئاندىن ئۇنى بىر كۈنى ئەسپان دېگەن جايدا ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا: ”مەككە ئاھالىسىگە كىمنى ئورۇنباسار قىلىپ بېكىتتىڭ؟“ دېدى. نافىئ ئىبنى ئابدۇھارىس: ”مەن ئۇلارغا بىزنىڭ ئازاد قىلىنغان قۇللىرىمىزدىن ئىبنى ئەبزا دېگەن ئادەمنى ئورۇنباسار قىلىپ بېكىتتىم“ دېدى. ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ”سەن ئۇلارغا ئازادگەردە قۇلنى ئورۇنباسار قىلىپ بېكىتتىڭمۇ؟“ دېدى. ئاندىن نافىئى ئىبنى ئابدۇ ھارىس: ”ئى مۇئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ كىتابىغا قارى، مىراس ئىلىملىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئالىم“ دېدى. ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار ھەقىقەتەن مۇنداق دېگەن: ”شەك-شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مۇشۇ كىتاب، يەنى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلسا، يەنە بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى تۆۋەن قىلىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىستىن سورۇنغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا ۋە ئىش، ۋەزىپىلەرنى باشقۇرۇشقا ئىلىم ئىگىلىرىنى تاللاش كېرەك ئىكەنلىكى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەقلەرنىڭ زايە بولۇشىغا ۋە پىتنە-پاساتلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ بەدرىل ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىشىلەرگە قۇرئاننى ياخشى ئوقۇيالايدىغانلار ئىمام بولسۇن، ئەگەر قىرائەتتە ئوخشاش بولسا، ئۇلارنىڭ سۈننەتنى كۆپرەك بىلىدىغانلىرى ئىمام بولسۇن، ئەگەر سۈننەت ئىلىمدە ئوخشاش بولسا، ئەڭ بۇرۇن ھىجرەت قىلغانلىرى ئىمام بولسۇن، ئەگەر ھىجرەتتە ئوخشاش بولسا، يېشى چوڭلىرى ئىمام بولسۇن ۋە بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ تەۋەلىك دائىرىسىدە ئىمام بولمىسۇن ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئورنىدا رۇخسەتسىز ئولتۇرمىسۇن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىنمۇ ھەرقانداق سورۇنغا بىلىمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكى ۋە بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە رىياسەتچىلىك قىلىۋېلىشىغا بولمايدىغانلىقى ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئورنىدا مېھمانلارنىڭ رۇخسەتسىز ئولتۇرۇۋالسا بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. شۇڭا مەن تۆۋەندە سورۇن ۋە سورۇنداشلارنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن:

1.سورۇنغا كەلگەن كىشىلەر ئۆز ئارىسىدىكى بىلىمى يۇقىرى مۆتىۋەر كىشىلەرنى ئاۋۋال سورۇنغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاندىن شۇ بويىچە كىرىشى سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى بىر قەبرىگە ئىككىدىن قوياتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ’ئىككىسىنىڭ قايسىسى قۇرئاننى كۆپ ياد ئالغان؟‘ دەيتتى. قۇرئاننى كۆپ ياد ئالغانلىقىغا قايسىسى كۆرسىتىلگەن بولسا، شۇنى قەبرىگە ئىلگىرى قوياتتى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). شۇڭا ياشانغان مۇسۇلماننى، قۇرئان كەرىمنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي ئوقۇغان قارىنى ۋە ئادىل ھوقۇقدارنى ھۆرمەتلەشنى دىنىمىز يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ياشانغان مۇسۇلماننى ھۆرمەتلەش، قۇرئاننى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، تاشلاپمۇ قويماي ئۆزلەشتۈرگەن ئادەمنى ھۆرمەتلەش ۋە ئادىل ھۆكۈمراننى ھۆرمەتلەش ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئۆز ئورنىغا قويۇشقا ھەم ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە مەرتىۋىسىگە قاراپ ئىش تۇتۇشقا بۇيرۇدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى كىشىلەرنى ئۆز لايىقىدا ھۆرمەتلەڭلار، دەپ بۇيرۇغان“ دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

2.سورۇنغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسى ئورنىدىن قوپۇپ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشى مۇھىم سۈننەتتۇر، چۈنكى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا(دادىسى) رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە بارسا، ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇراتتى ۋە ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. رەسۇلۇللاھمۇ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە بارسا، ئۇنىڭغا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ”مەن رەسۇلۇللاھقا تەقى-تۇرقى جەھەتتە، ئېغىر-بېسىقلىقى جەھەتتە ۋە ھەرىكەت قىلمىشى جەھەتتە فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بەكرەك ئوخشايدىغان بىرەر ئادەمنى كۆرمىدىم. ھەرقاچان فاتىمە رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرسە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇراتتى، ئاندىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ(پېشانىسىغا) سۆيەتتى ۋە ئۇنى ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. ھەرقاچان رەسۇلۇللاھ فاتىمەنىڭ قېشىغا كىرسە، فاتىمە ئۇنىڭغا ئورنىدىن قوپاتتى. ئاندىن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ(پېشانىسىغا) سۆيەتتى ۋە ئۇنى ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن ساھىبخاننىڭ مېھمانلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئورنىدىن قوپۇپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:”كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن، مېھمىنىنى ھۆرمەت قىلسۇن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3.سورۇنغا كىرگەن كىشىلەر سورۇنداشلارغا ”ئەسسالامۇئەلەيكۇم“ دەپ سالام قىلىپ كىرىشى مۇھىم سۈننەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن بىرەرسىڭلار بىرەر سورۇنغا بارسا سالام قىلسۇن، سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولسىمۇ سالام قىلسۇن، كېيىنكى سالام ئالدىنقى سالامغا قارىغاندا تېخىمۇ تېگىشلىكتۇر“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۆزئارا توپلاشقان سورۇنغا سالام قىلىپ كىرسە، بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق كۈنسېرى تەرەققىي قىلىدۇ ھەم سورۇنداشلار ئۇنىڭغا سۈرۈلۈپ ئورۇن چىقىرىپ بېرىشى مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا، سورۇنغا سالام قىلماي چاھارپايلاردەك ئۈسۈپلا ئۇشتۇمتۇت كىرگەن ئادەمنى قايتا سالام قىلىپ كىرىشكە تەشەببۇس قىلىش سۈننەت. كىلەد ئىبنى ھەنبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: ”مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ(ئۆيىگە) كېلىپ ئۇنىڭغا سالام قىلماي كىرگەنىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قايتىپ چىقىپ ’ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كىرەيمۇ؟‘ دېگىن، دېدى“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

4.سورۇنغا كىرگەن ئادەم ئىلىم-مەرىپەت جەھەتتە ئارتۇق، ياش جەھەتتە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سورۇنغا ئىلگىرى كىرىپ ئولتۇرغان كىشىدىن ئورۇن تالىشىپ ئۇ كىشىنى ئورنىدىن قوپۇرۇۋېتىش رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە خىلاپ قىلمىشتۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سىلەردىن ھېچكىم بىر ئادەمنى ئورنىدىن قوپقۇزۇۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالمىسۇن، لېكىن سۈرۈلۈپ ئورۇن بوشىتىپ بېرىڭلار“ دېگەنىدى. (شۇڭا) ”ئىبنى ئۆمەر بىرەرسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئورۇن بوشىتىپ بەرسە ئۇ ئورۇندا ئولتۇرمايتتى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا باشقىلار رازى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ بەرسە، ئۇنىڭ ئولتۇرمىغانلىقى ھارام تەرىقىدە بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ناھايىتى تەقۋادار ئىكەنلىكى ۋە باشقىلاردىن ئالاھىدە بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر قىلغانلىقى ھەم سۈننەتكە بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا يەنە بىر ئادەم ئولتۇرغان ئورنىدىن قوپۇپ بەردى. ئاندىن(ھېلىقى ئادەم) ئۇ ئورۇندا ئولتۇرۇش ئۈچۈن بارغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى(ئۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشتىن) توستى“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). يەنە سەئىد ئىبنى ئەبى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بىر گۇۋاھلىقنى ئادا قىلىشتا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلگەنىدى، ئۇنىڭغا بىر ئادەم ئولتۇرغان ئورنىدىن قوپۇپ بەردى. ئاندىن ئەبۇ بەكرى ئۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشقا ئۇنىمىدى ۋە: ’پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق ئىشتىن توستى‘ دېدى“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

5.سورۇنغا كىرگەن ئادەمنىڭ يېقىن ئولتۇرغان ئىككى كىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ ئولتۇرۇشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمرۇ ئىبنى شۇئەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن، ئاتىسى ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”يېقىن ئولتۇرغان ئىككى كىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر ئادەمنىڭ كىرىپ ئولتۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىغا ياكى مەسچىتلەرگە كىرگەندىمۇ ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىشىمىز مۇھىم سۈننەتتۇر. سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”جۈمە كۈنىدە كىشى يۇيۇنۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تازىلىنىپ، ئۆزىنى مايلاپ يا ئۆيدىكى خۇش پۇراقتىن ئىستېمال قىلىپ، ئاندىن بېرىپ ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىنى قىستىماستىن، بەلگىلەنگەن نامازلارنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىمام خۇتبە ئوقۇغىچە جىم تۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ جۈمە بىلەن ئىككىنچى جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

6.سورۇنغا كەلگەن ئىلىم ئىگىلىرىنى ۋە ياخشى كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن، سورۇنداشلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشى جائىزدۇر. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بەنى قۇرەيزە قەبىلىسىنىڭ ئاھالىسى سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئدنى چاقىرىشقا ئادەم ئەۋەتتى، سەئىد كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە: ”باشلىقىڭلارغا ياكى ياخشى ئادىمىڭلارغا(بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىسىنىڭ دېيىلگەنلىكى رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ ئېسىدە قالمىغان) ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار“ دېدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).(ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تۇرۇڭلار دېگەن بولىدۇ). بۇنىڭدىن ئەھلى پەزلى، ئەھلى ئىلىم، ئەھلى سالا ئادەملەرنى ھۆرمەتلەپ ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ لازىملىقى چىقىدۇ. ئۆزىنى چوڭ ساناپ، باشقىلارنى ئۆزىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرغۇزماقچى بولغانلارغا تۇرماسلىق كېرەك. ئۆزىنى ناھايىتى ئۇلۇغ ئادەم ھېسابلاپ، باشقىلارنى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بېرىشنى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە، سورۇنداشلار ئورنىدىن تۇرماسلىق سۈننەتتۇر. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئورنىدىن تۇرۇشنى ياخشى كۆرسە، (ئۇ ئادەم) ئۆزىنىڭ ئورنىنى دوزاختىن تەييارلاپ قويسۇن“(تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن شۇنى چۈشىنىۋالالايمىزكى، باشقىلارنى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بېرىشنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق خەتەرلىك بولىشى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنى چوقۇندۇرۇش دەرىجىدە ھۆرمەتلەشكە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئادەمنى ئۇلۇغ بىلىپ ئورنىدىن تۇرغان كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارغا(زىيان سېلىش ئۈچۈن) شەيتاننىڭ ياردەمچىسى بولماڭلار“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). يەنە ئەبى مىجىلەزىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىبنى زۇبەير ۋە ئىبنى ئامىرنىڭ قېشىغا چىقتى، ئىبنى ئامىر ئورنىدىن تۇردى ۋە زۇبەير ئولتۇرىۋەردى. ئاندىن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىبنى ئامىرغا: ’ئولتۇرغىن‘ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ’كىمكى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئورنىدىن تۇرۇشنى ياخشى كۆرسە، (ئۇ ئادەم) ئۆزىنىڭ ئورنىنى دوزاختىن تەييارلاپ قويسۇن‘ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دېدى“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بىرەر نەرسىنى ياكى بىرەر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرسە، ئۇنى چوقۇنۇش دەرىجىسىدە ئۇلۇغلاش سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ ئۆزىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئورنىدىن تۇرغان ساھابىلارغا(ئاشۇنداق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن) ئورنىدىن تۇرماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ قېشىمىزغا ھاسىغا تايىنىپ چىقتى، بىز ئۇنىڭغا ئورنىمىزدىن تۇردۇق، ئاندىن رەسۇلۇللاھ: ’ئەجەملەر(يەنى غەيرى ئەرەبلەر) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئۇلۇغلاپ ئورنىدىن تۇرغاندەك، سىلەر ئورنۇڭلاردىن تۇرماڭلار‘ دېدى“(ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان). شۇڭا ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى كۆرسە ئورۇنلىرىدىن تۇرمايتتى ۋە ئۇنىڭ يوليورۇقلىرىغا بەك ئەمەل قىلاتتى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ”ساھابىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ سۆيۈملۈكرەك ئادەم يوق ئىدى ، بىراق ئۇنى كۆرگەندە ساھابىلەر ئورنىدىن تۇرۇشمايتتى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بېلەتتى“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس شەرىفلەردە رەسۇلۇللاھ ئۆزىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئورنىدىن تۇرغان ساھابىلەرنى نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىدە توسىدۇ؟ چۈنكى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ھەددىدىن تاشقىرى ھۆرمەتلەپ ۋە ماختاپ ھەم ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ئىبادەت قىلىدىغان جاي قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ بىز مۇسۇلمانلارنى ئاشۇ ئۈممەتلەرگە ئوخشاش ئېزىپ كېتىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇرغاندۇر.

7.سورۇنغا كېچىكىپ كەلگەن ئادەم، سورۇنداشلارنى قوزغاپ قىيىنچىلىق پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن، قەيەردە بىكار ئورۇن بولسا شۇ يەردە ئولتۇرۇش سۈننەتتۇر. جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ”قاچانكى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسەك، توغرا كەلگەن يەردە ئولتۇراتتۇق“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىسگە ئاساسلانغاندا ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى مەسچىتلەردە بولسۇن ئۆزى ئولتۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنى ئورنىدىن قوپۇرۇۋەتمەي، قەيەر توغرا كەلسە شۇ يەردە ئولتۇرۇش مۇھىم ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەبۇ ۋاقىد لەيسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە تۇرغان چاغدا ئۈچ ئادەم كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى رەسۇلۇللاھ تەرەپكە يۈزلەندى، بىرسى كېتىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ تەرەپكە يۈزلەنگەنلەرنىڭ بىرسى بىر بوش جاينى كۆرۈپ شۇ يەردە ئولتۇردى، يەنە بىرسى كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇردى. كېتىپ قالغان بىرسى ئۇدۇل چىقىپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ بىكار بولغاندىن كېيىن(خۇتبە ئوقۇش ياكى دىنىي تەلىم بېرىشتىن بىكار بولغاندىن كېيىن)، جامائەتكە:’سىلەرگە يۇقىرىدىكى ئۈچ ئادەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر بېرەي: بوش جايدا ئولتۇرغان ئادەم ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى- دە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جاي بەردى، ئارقىدا ئولتۇرغان ئادەم جامائەتنى قىستاشنى خوپ كۆرمىدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلدى، كېتىپ قالغان ئادەم پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن قاچتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلدى‘ دېدى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

8.سورۇنغا كەلگەن ئادەمنىڭ ئولتۇرغۇچىلارنىڭ مۈرىلىرىدىن ئاتلاپ سورۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇشى قەتئىي دۇرۇس ئەمەس. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: ”ھالقا بولۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ(يەنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ) ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغان ئادەم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق لەنەت قىلىنغۇچىدۇر“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

9.سورۇنغا كەلگەن ئادەم، سورۇنداشلارنى قىستاپ ئولتۇرماسلىقى ۋە كەڭ-كەڭرى ئولتۇرۇپ بىر-بىرىگە راھەت بېغىشلىشى سۈننەت. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سورۇننىڭ ياخشىسى، ئۇ سورۇننىڭ كەڭرى بولغىنىدۇر“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ ھەدىستىن چاقىرىلغان مېھمانغا لايىق كەڭرى سورۇننى ئالدىدىن تەييارلاش كېرەك ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

10.سورۇنغا بۇرۇن كېلىپ ئولتۇرغان ئادەم بىرەر ئۆزرە سەۋەبى بىلەن ياكى ھاجىتىنى ئادا قىلىش سەۋەبى بىلەن سورۇندىن چىقىپ كەتكەن بولسا، قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆز ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇش ھوقۇقى باردۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”قاچانكى بېرىڭلار ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ ئاندىن ئورنىغا قايتىپ كەلسە، شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشقا ھەقلىقتۇر“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

11.سورۇنغا چاقىرىلغان ئادەمگە باشقا بىر كىشى ئەگىشىپ بىللە بارغان بولسا، ئۇ كىشىنى سورۇنغا باشلاپ كىرىش ياكى كىرمەسلىك توغرىسىدا ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش سۈننەتتۇر. ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ”بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەش كىشىلىك تاماق تەييارلانغان سورۇنغا تەكلىپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەشىنچىسى ئىدى، بىراق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ سورۇنغا ماڭغاندا يەنە بىر كىشى ئۇنىڭغا ئەگىشىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھىبخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ساھىبخانغا: ’بۇ كىشى بىزگە ئەگىشىپ كەلدى، ئەگەر خالىساڭ كۈتۈۋالغىن، خالىمىساڭ كەتكۈزۈۋەتكىن‘ دېدى. ئۆي ئىگىسى: ’بولىدۇ، ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇ مېھمان بولسۇن‘ دېدى“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن چاقىرىلمىغان سورۇنلارغا بېرىشقا بولمايدىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ.

12.سورۇندا ئۈچ ئادەم بولسا، ئىككىسى بىرىنى يالغۇز قويۇپ پىچىرلىشىشى ياكى ئۇ بىلمەيدىغان تىلدا راۋان سۆزلىشىشى قەتئىي دۇرۇس ئەمەس. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ”ئەگەر ئۈچ ئادەم بىر يەردە بولساڭلار، ئىككىڭلار پىچىرلىشىپ ئۈچىنچى ئادەمنى يالغۇز قويماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۇنى غەمگە سېلىپ قويىسىلەر، ئەمما جامائەت بولۇپ تۇرغۇنىڭلاردىكى ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا“(بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن ياخشى ئىشلار توغرىسىدا بولسىمۇ ئىككى كىشىنىڭ ئۈچىنچى بىر كىشىنى يالغۇز قويۇپ پىچىرلىشىشىغا بولمايدىغانلىقى، ئۇنداق بولغاندا ئۈچىنچى كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئازار يەيدىغانلىقى ھەم يامان گۇماندا بولۇپ قالىدىغانلىقى ئايان بولىدۇ.

13.سورۇندا ئولتۇرغان ئادەم، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتقان سورۇنداشلارغا غەيۋەت قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىشى تولىمۇ ساۋابلىق ئىشتۇر. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ غەيۋىتى قىلىنغان يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالسا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنى دوزاختىن ساقلاپ قالىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

14.مۇسۇلمانلار داخان، رەمچى، بىدئەتچى قاتارلىق... كىشىلەرنىڭ سورۇنلىرىدا ئولتۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇنداق كىشىلەر دىننى ئويۇن-كۈلكە قىلىۋېلىپ دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى مۇناسىپ بولمىغان ئورۇنغا قويۇپ نادان ئادەملەرنى قايمۇقتۇرىدىغان يالغانچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا(تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن“{سۈرە«ئەنئام»(6-سۈرە)، 68-ئايەت}.

15.كوچىلاردا، بازار-رەستىلەردە توپلىشىپ ئولتۇرۇۋېلىپ، باشقىلارنىڭ بىمالال يول يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش مۇھىم سۈننەتتۇر. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كوچىلاردا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار“ دېگەندە، كىشىلەر: ”ئۇ يەردە ئولتۇرمىساق بولمايدۇ، چۈنكى كوچىلار بىزنىڭ ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىشىدىغان جايىمىز“ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ”كوچىلاردا يەنىلا ئولتۇرىۋېرىدىغان بولساڭلار، كوچىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ ئولتۇرۇڭلار“ دېدى. ئۇلار: ”كوچىنىڭ ھەققى نېمە؟“ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: ”كوچىنىڭ ھەققى(ھارامدىن) كۆزنى يىغىش، (كىشىلەرگە)ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، سالام بەرگەنلەرنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىش، كىشىلەرگە ئەمرىمەرۇپ، نەھيى-مۇنكەر قىلىش“ دېدى(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن يولنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ ئولتۇرسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا يولدا ئولتۇرۇش چەكلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار“{سۈرە«ئەئراف»(7-سۈرە)، 86-ئايەت}.

16.ئاپتوبۇسلاردا ۋە باشقا قاتناشلاردا ئولتۇرغان ئادەم، ياشانغان كىشىلەرنى، قۇچىقىدا بالىسى بار ئاياللارنى، ئاجىز ۋە مېيىپلارنى ئۆرە تۇرۇپ قالغان ھالەتتە كۆرسە، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئورۇن بىكار قىلىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىبنى ئەبباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىچىكلىرىمىزگە رەھمى قىلمىغان، چوڭلىرىمىزنى ھۆرمەتلىمىگەن، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇمىغان، يامان ئىشلاردىن توسمىغان ئادەملەر بىزگە مەنسۇپ ئەمەس“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

17.سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ سورۇنداشلارغا ”ئەسسالامۇئەلەيكۇم“ دەپ سالامەتچىلىك تىلەپ قايتىشى مۇھىم سۈننەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەردىن بىرەرسىڭلار بىرەر سورۇنغا بارسا سالام قىلسۇن، سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولسىمۇ سالام قىلسۇن، كېيىنكى سالام ئالدىنقى سالامغا قارىغاندا تېخىمۇ تېگىشلىكتۇر“(ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس سورۇندىن تۇرغاندا سالام قىلىپ قايتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

18.سورۇندىن قايتىپ چىققان مېھماننى ساھىبخاننىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بىللە چىقىپ ئۇزىتىپ قويۇشى سۈننەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مېھمىنى بىلەن ھويلىنىڭ ئىشكىغىچە(ئۇزىتىپ بىللە) چىقىشى سۈننەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر“(ئىبنى ماجە، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىسكە ئاساسلانغاندا، ساھىبخاننىڭ مېھماننى ئۇزىتىپ ئىشىك ئالدىغىچە بىللە چىقىشى ئۇنى ھەقىقىي ھۆرمەتلىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەم مېھمانمۇ ساھىبخاندىن خۇرسەنلىك ھېس قىلىپ قايتىپ كېتىدۇ.

19.سورۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇشى مۇھىم سۈننەتتۇر. چۈنكى ئۇ دۇئا سورۇندا ئۆتۈلۈپ قالغان گۇناھلارغا كاففارەت بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”كىمكى بىرەر سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئۇ سورۇندا پايدىسىز سۆزنى كۆپ قىلغان بولسا، ئۇ سورۇندىن تۇرۇپ كېتىشتىن بۇرۇن: ’سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە، ئەشھەدۇ ئەن لائىلەھە ئىللائەنتە، ئەستەغفىرۇكە ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيكە‘(ئى ئاللاھ! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، سېنى مەدھىيەلەيمەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭنى سورايمەن، ساڭا تەۋبە قىلىمەن) دېسە، ئۇنىڭ شۇ سورۇندىكى گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). مانا بۇ دۇئا سورۇندىكى بىھۇدە گەپ-سۆزلەرنىڭ ۋە شۇ سورۇندا ئۆتۈلۈپ قالغان كىچىك گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى بارلىق ئەر-ئايال مۇسۇلمانلىرىمىزنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنىڭ تەلىماتلىرىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىنلەردىن قىلغاي، ئامىن!

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى) 

يەنە >>سۈرەتلەر