باش بەت > دىن ۋە ھايات > قائىدە-يۇسۇن

مۇسۇلمانلارنىڭ تاماق يېيىش ئەدەپلىرى

A A A يوللانغان ۋاقىت:2016-04-15   

ئابدۇلئەھەت ئىمىن

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

مۇسۇلمانلار تاماق يېيىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئەھكاملار ۋە ئەخلاقلار بار بولۇپ بۇ ھەقتە پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ”ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن“{سۈرە«مۇئمىنۇن»(23-سۈرە)، 51-ئايەت}.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر، بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار ئاللاھقا(يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى-ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار“{سۈرە«بەقەرە»(2-سۈرە)، 172-ئايەت}.

يۇقىرىقى ئايەت كەرىمدە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرىنى ۋە بىز ئاجىز بەندىلىرىنى ياخشى ئەمەل قىلىشتىن بۇرۇن ھالال يېيىشكە، ئاندىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بۇيرۇدى. ھالال يېيىش ياخشى ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل قىلىنىشىدىكى چوڭ شەرت. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلار قىلغان ئىبادەتلىرىمىز مەقبۇل بولسۇن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشسەك دەيدىكەنمىز، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بەلگىلەپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشىمىز، ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقىمىز، شۇنداقلا ھارام يېيىشكە سەۋەب بولىدىغان جەمئىيەت ئامانلىقىغا ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە دەخلى قىلىدىغان ئىسلام شەرىئىتىدە ۋە دۆلەت قانۇنىدا چەكلەنگەن ھارام كەسىپ، ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز، ھالال كەسىپ ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز لازىم.

تاماق يېيىش توغرىسىدىكى ئەھكاملار ۋە ئەدەپلەر:

1.ھالال يېيىش، شۇ يېگەن تاماقنىڭ قۇۋۋىتىدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش.

2.تاماق يېيىشنى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاش. بۇ ھەقتە ئەمرۇ بىن ئەبى سەللامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئوڭ قولۇڭ بىلەن يە، ساڭا يېقىن يەردىن يە“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

3.ئائىلە كىشىلىرى تاماق يېيىشتە چېچىلىپ كەتمەسلىك، داستىخانغا يىغىلىپ تاماق يېيىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ يېيىش. بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى: ”ئى رەسۇلۇللاھ، بىز تاماق يەپ تويمايمىز(نېمە ئەھۋالدۇ؟)“. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ”سىلەر چېچىلىپ تاماق يەيدىكەنسىلەر“ دېدى. ئۇلار: ”راست، ھەئە“ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سىلەر تائام يېيىشتە جۇغلىشىڭلار، ئۇ تائامغا ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاڭلار، سىلەرگە ئۇ تاماقتا بەرىكەت بولىدۇ“ دېدى(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

4.تاماق يېيىش جەريانىدا تاماققا ئەيىب قويماسلىق. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائامدىن ھەرگىز ئەيىب تاپمىدى. ئەگەر ئۇ تاماقنى كۆڭلى تارتسا يېدى، كۆڭلى تارتمىسا يېمىدى“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

5.قالايمىقان ئولتۇرۇپ ياكى بىر نەرسىگە يۆلىنىپ تاماق يېمەسلىك، داستىخانغا كېلىپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش. ئەبۇ جۇھەيۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”مەن بىر نەرسىگە يۆلىنىپ تاماق يېمەيمەن“ دېگەن(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

6.ئوڭ قول بىلەن تاماق يېيىش، سول قول بىلەن يېمەسلىك. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاماق يېگەندە ئوڭ قولى بىلەن يېسۇن، ئىچىملىك ئىچكەندىمۇ ئوڭ قولى بىلەن ئىچسۇن“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

7.تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك، نورمال ئۆلچەملىك يېيىش. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر خىزمەتكار ئوغۇلنى سېتىۋېلىشنى ئىرادە قىلدى. ئۇنىڭ ئالدىغا كۆپ خورمىنى تاشلاپ قويدى. ئوغۇل خورمىدىن كۆپرەك يېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ”كۆپ تاماق يېيىشتە چوقۇم شۇملۇق بار“ دېدى ۋە ئۇ بالىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىنى سىناشتا تاماقنى ئاساس قىلغانىدى. بالىنىڭ كۆپ تاماق يېيىشتىن ئىبارەت ئەخلاقىنى ياقتۇرمىدى ۋە ئۇ بالىنى ئالماسلىق قارارىغا كەلدى ھەم كۆپ تاماق يېيىشتە چوقۇم شۇملۇق ۋە خاپىلىقنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، بىز ئۈممەتلەرگە تەلىم بەردى(بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ ئېيتىشىچە، تويۇنۇپ تاماق يېيىش سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللەر تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ يەكۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ “كۆپ تاماق يېيىشتە شۇملۇق بار” دېگەن سۆزىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

8.قاچىدىكى ۋە تەخسىدىكى تاماقنى ئوتتۇرىدىن يېمەسلىك. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار تائام يېگەن چاغدا قاچىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن يېمىسۇن، ئۇنىڭ پەس تەرىپىدىن يېسۇن؛ (چۈنكى) بەرىكەت ھەقىقەتەن تاماقنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ“ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”بەرىكەت تائامنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئۇ تائامنىڭ چۆرىسىدىن يەڭلار، ئوتتۇرىسىدىن يېمەڭلار“ دېگەن(«جامىئۇل ئۇسۇل»دا رىۋايەت قىلىنغان).

9.تاماق يېگەن چاغدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالسا ئاخىرىدا دېيىش. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاماق يېگەن چاغدا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالسا ئۇ تاماقنىڭ ئاۋۋىلىدا ۋە ئۇنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دېسۇن“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

10.ياغلىق، مايلىق تاماقلارنى يېگەندە قوللىرىنىڭ بارماقلىرىنى يالىۋېتىش. كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنىڭ ئۈچ بارمىقى بىلەن تاماق يەيتتى ۋە قولىنى سۈرتۈۋېتىشتىن ئىلگىرى يالىۋېتەتتى“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنىڭ بارماقلىرىنى ۋە تاماق يېگەن قاچىنى يالىۋېتىشكە بۇيرۇدى ۋە ’ھەقىقەتەن سىلەر بەرىكەتنىڭ قايسىنىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر‘ دېدى“ دەيدۇ(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

11.تائامدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن قول يۇيۇش. سەلمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ”مەن تەۋراتتا تائامنىڭ بەرىكىتى ئۇنى يېيىشتىن ئاۋۋال قول يۇيۇش ئىكەنلىكىنى ئوقۇدۇم. بۇ گەپنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ’تائامنىڭ بەرىكىتى ئۇنى يېيىشتىن ئىلگىرى ۋە يەپ بولغاندىن كېيىن قول يۇيۇش‘ دېدى“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىمكى قولى گۆش يۇقى ئۇخلىسا، ئۇنى يۇيۇۋەتمىسە، ئۇ كىشىگە بىرەر خاپىلىق يەتسە مالامەت قىلمىسۇن، پەقەت ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن“ دېگەن(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، «جامىئۇل ئۇسۇل»دىن).

12. تاماق يەپ بولۇپ دۇئا قىلىش ۋە شۈكرى ئېيتىش. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىپ ئېيتقان ھەدىسىدە: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغان چاغدا ’جىمى ھەمدۇسانا بىزگە تائام ۋە سۇ بەرگەن، بىزنى مۇسۇلمان قىلغان ئاللاھقا خاستۇر‘ دەيتتى“ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”كىمكى ئەگەر تاماق يېسە ئۇنىڭ قۇۋۋىتىدە ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتسا ياكى ئىچىملىك ئىچسە ئۇنىڭ قۇۋۋىتىدە ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتسا ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇ بەندىسىدىن چوقۇم رازى بولىدۇ“ دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”تاماق يەپ شۈكرى قىلغۇچى سەۋر قىلىپ روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش“ دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

13. تاماق يەپ بولغاندا قاچا-قۇچىلارنى ئوچۇق قويماسلىق، پاكىز يۇيۇپ يۆگەش ياكى قاچا ئىشكاپىغا سېلىپ قويۇش. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”قاچاڭلارنى يۆگەڭلار، تولۇملارنىڭ ئاغزىنى ئېتىڭلار. ھەقىقەتەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە بىر كېچە بار، ئۇ كېچىدە ۋابا كېسىلى چۈشىدۇ، ئۇ كېسەل يۆگەلمىگەن قاچىلارغا، ئاغزى ئېتىلمىگەن تولۇملارغا چۈشۈۋالىدۇ“ دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

(ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى)

يەنە >>سۈرەتلەر